Chinese→Uyghur主要词典
泛德意志协会
دۇنيا تارىخى
پان گېرمانىيە جەمئىيىتى
پان گېرمان ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ شوۋىنىزم تەشۋىقات ئورگىنى. 1891-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ قىسمى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ۋە مىللىي لىبېراللار پارتىيىسى ئۇنسۇرلىرىدىن ئىبارەت. ئۆز ئىچىگە پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت بيۇروكاتلىرى، گېنېراللار، سانائەتچىلەر، ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك روھانىيلار قاتارلىقلارنى ئالغان. دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ، گېزىت - ژۇرنال، تىياتىرخانا قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى داۋاملىق چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، گېرمانىيە خەلقىگە چوڭ گېرمانچىلىق ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ، گېرمان ئىرقى ئەلاچىلىقى نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن. گېرمانلار ئولتۇراقلاشقان بارلىق رايونلارنى گېرمانىيىگە قوشۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئۇرۇش سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان، قوراللىق كۈچكە تايىنىپ دۇنيادىكى مۇستەملىكىلەرنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىشنى، گېرمانىيىنىڭ دۇنياۋى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ تەشكىلى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئەمەلىيەتتە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق شوۋىنىزملىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىغا ئايلىنىپ قالغان. 1939-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.