Chinese→Uyghur主要词典
伐卢那
دۇنيا تارىخى
ۋارۇنا
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ئىلاھ نامى. ئارىيانلارنىڭ دەسلەپكى ۋىدا دەۋرىدىكى ئاسماندىكى ئىلاھلارنىڭ بىرى. <رىگ - ۋىدا( دا ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى بار. دائىم ئىلاھ مىترا بىلەن بىر جۈپ ئىلاھ سۈپىتىدە مەدھىيلەنگەن. ئىككى ئىلاھ ئوخشاشلا ئىلاھلىق خۇسۇسىيەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزى - قۇياش )شۇڭا قۇياش ئىلاھى دەپمۇ ئاتالغان(، كىيگىنى ۋالىلداپ نۇر چېچىپ تۇرغان كىيىم، تۇرغان جاي 1000 دانە يۇمىلاق ئوردىسى بولۇپ، خانلار ۋە ئالەمنىڭ پادىشاھى، ئەڭ ئالىي ئەخلاقى ئىلاھى، قانۇن - قائىدىلەرنى تۇرغۇزۇپ ساختىلىقنى جازالىغۇچى )قانۇن - ئەدلىيە ئىلاھى(، سۈرلۈكلۈكتىن كىشىلەرنى ھېيىقتۇرغۇچى دەپ قارالغان. يەنە كۈن، ئاينىڭ ھەرىكىتى، پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىنى باشقۇرغۇچى، دەريا، ئېقىنلارنىڭ ئىگىسى، كىشىلەر دۇئا - تىلاۋەت قىلسا، خاسىيەتلىك يامغۇر ئاتا قىلغۇچى دەپ قارالغان. ئۇلارغا بولغان ھوقۇنۇش يىراق قەدىمكى زاماندىكى ھىندىستان - ئىران دەۋرىدىن باشلىنىپ، ۋىدا دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سىنىپىي جەمئىيەتكىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.