Uyghur←Chinese主要词典
فاللا
دۇنيا تارىخى
法里雅
fǎ lǐ yǎ
(1876 - 1946) ئىسپانىيىلىك كومپوزىتور. كادىزدا تۇغۇلغان. كىچىك چاغلىرىدا ئانىسىدىن پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەنگەن، كېيىن ئاتاقلىق كومپوزىتور پېدرېل (1184 - 1922) قاتارلىقلاردىن ئۆگەنگەن. 20 ياش ۋاقتىدا مادرىد مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1907 - 1914 - يىللىرى پارىژداراۋېل قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ ئىمپىرېسسىئونىزمچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، لېكىن ئىسپانىيەنىڭ مىللىي ئۇسلۇبى ۋە يەرلىك ئەنئەنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان. 2119 - 1939 - يىللىرى گرانادا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەمدە چەت ئەللەرنى ساياھەت قىلغان. 1939 - يىلى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئارگېنتىنادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئۆمۈر قىسقا> ناملىق ئوپېراسى،<مۇھەببەت سېھرىگەرى>، <ئۈچ قىرلىق قالپاق> ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرى، پىئانىنو ۋە مۇزىكا دۈيى ئورۇنلىغان <ئىسپانىيە باغچىسىدىكى كېچە> ناملىق يۈرۈشلەشكەن كۈيلەر؛ قورچاق تىياتىرى <خوجايىن پېدرونىڭ قورچاقئويۇنى> ھەمدە پىئانىنو مۇزىكىسى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا مۇزىكىسى ۋە خور مۇزىكىسى قاتارلىقلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
法拉〈塞拉〉
fǎ lā 〈sāi lā 〉Dئىستېتىكا
فاللا (ئىسپانىيىلىك)
法里雅(Falla,1876—1946,西班牙)
fǎ lǐ yǎ (Falla,1876—1946,xī bān yá