Chinese→Uyghur主要词典
法老
دۇنيا تارىخى
فىرئەۋىن
(پاروخ)نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەسلى مەنىسى <پادىشاھ ئوردىسى> دېگەنلىك. قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ نامى. قەدىمكى مىسىرلىقلار پادىشاھنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە تىلغا ئالالمىغانلىقتىن <فىرئەۋىن> دەپ ئاتىغان. تەخمىنەن ئوتتۇرا پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە <فىرئەۋىن> دېگەن سۆز پادىشاھقا قىلىنغان مەدھىيە تەرىقىسىدە قوللىنىلغان (مەسىلەن، پادىشاھ ئوردىسى، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي، دېگەندەك). پادىشاھنىڭ رەسمى ھۆرمەت نامى ئورنىدا ئىشلىتىلىشى يېڭى پادىشاھلىق دەۋرى (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرلىرى)دە باشلانغان. فىرئەۋىن دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەكىلى بولۇپ، ھەربىي، مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلەپ، ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان، پۇقرالىرىغا قارىتا چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى قانۇن ھېسابلانغان. فىرئەۋىن ئۆزىنى قۇياش تەڭرىسى ئامۇننىڭ ئوغلى دەپ ئاتىشىپ، پۇقرالىرىنى ئۆزلىرىگە تەڭرى قاتارىدا چوقۇنۇشقا ئەمر قىلغان.
ئۇنىۋېرسال
fǎ lǎo
فىرئەۋن
Dتارىخ
fǎ lǎo
پىرئەۋىن، فارۇق
دىن
fǎ lǎo
埃
فىرئەۋن