Chinese→Uyghur主要词典
法兰克福和约
دۇنيا تارىخى
فرانكفورت سۈلھ شەرتنامىسى
پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1871 - يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋېرسالدا فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە دەسلەپكى قەدەمدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسىدە ئالساس (بېلفورت رايونى بۇنىڭ سىرتىدا) ۋە لوررانېنىڭ شەرقىي قىسمىنى (مىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ فرانسىيە 5 مىليارد فرانك تۆلەمنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەپ بېرىش؛ تۆلەمنى تولۇق تۆلەپ بولغاندىن كېيىن گېرمانىيە قوشۇنى فرانسىيە تۇپرىقىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. فرانسىيە پوردۇ مىللىي پارلامېنتى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلغان. 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى فرانكفۇرتتا رەسمىي سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى فرانسىيەبىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام قىلغان كېلىشمەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە پۈتكۈل ياۋرۇپادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۋەتكەن.