Chinese→Uyghur主要词典
法郎吉
دۇنيا تارىخى
بلانكى
فرانسۇزچە Phalange نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يۇنان تىلىدىن كەلگەن. ئەسلى ئېغىر قوراللانغان پىيادىلەر قوشۇنىنىڭ ئەترەت شەكلىنى بىلدۈرىدۇ. ⅩⅨ ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ خىيالىي سوتسىيالىستى فوربي ئويلاپ چىققان غايىۋى جەمئىيەتنىڭ (<ئىناقلىق تۈزۈمىنىڭ>) ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى. ئۇنىڭ <پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىناقلىقى>، <تۆت خىل ھەرىكەت توغرىسىدا>، <ئالەمنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا> ۋە <ئىقتىسادىي ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى يېڭى دۇنيا> قاتارلىق كىتابلىرىدا غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى لايىھىسىنى ئىزچىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، پالانىگېدىى ھەممە ئادەمنىڭ ئەمگەككە قاتنىشىشى، <يەتتە تۈرلۈك ئەمگەك> (سانائەت، يېزا ئىگىلىك، سودا، ئائىلە ئىشلىرى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە سەنئەت) بويىچە مۇكەممەل بىر سىستېما شەكىللەندۈرۈشنى؛ نورمالنىي كۆلەمدىكى 1620 ئادەم بولۇشىنى، مىجەزىگە قاراپ ئىش تەقسىم قىلىشىنى؛ رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولغان باھالاش يىغىنىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى، لېكىن زورلۇق كۈچ بولماسلىقىنى، 95.2 كۋادىرات كىلومېتىريەر ئىگىلەپ، ئەزالارنىڭ جامائەت ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەر (فرانسۇزچە <فالانستېرى>) دە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى؛ پاي قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پاي سوممىسى يىغىشنى، ئەمگەكچىلەر ھەتتا كاپىتالىستلارمۇ پاي قوشۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىشنى، مەھسۇلاتنىڭ تەقسىماتىنى كاپىتال، ئەمگەك ۋە ئىقتىدار بويىچە بەلگىلەش، بۇنىدا ئەمگەك 5/12 نى، ئىقتىدار 3/12 نى، كاپىتال 4/12 ياكى 5/12 قىسمىنى ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. فورېي تالاي قېتىم سىناق قىلىپ، سىناق خاراكتېرلىك ئورگانغا رەھبەرىك قىلىپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى <پالانستېي> ژورنىلى، <بلانكى> گېزىتى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدەك ئامېرىكىدا تەجرىبە قىلىپ، 40 بلانكى ياكى كۆچمەنلەر رايونى قۇرغان، لېكىن ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. فروبې تەسەۋۋۇرىدىكى بلانكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندىكى فرانسىيىدىكى ھەر خىل ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى لايىھىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تېخى يېتىلمىگەن كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرش ھالىتى ۋە يېتىلمىگەن سىنىپىي ھالەت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.