Chinese→Uyghur主要词典
法捷同盟条约
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - چېخوسلوۋاكىيە ئتتىپاقلىق شەرتنامىسى
فرانسىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيە تۈزگەن شەرتنامە. 1924 - يىل 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى فرانسىيە زۇڭلىسى پوئىنكارې بىلەن چېخوسلوۋاكىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېنېس تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. شەرتنامىدە ئىككى تەرەپ <ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان دىپلوماتىك سىياسەت مەسىلىسى> ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدايدۇ. ئاۋسترىيە گېرمانىيىگە قوشۇلۇپ كەتسە ياكى خابىسبۇرگ سۇلالىسى ۋېنگرىيىدە ھەمدە خوخېنزوللېرن سۇلالىسى گېرمانىيىدە قايتا تىرىلگەندە شەرتنامە تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ ئورتاق تەدبىر قوللىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى تۈگەن دىپلوماتىيە شەرتنامىسىنى بىر - بىرىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر شەرتنامە فرانسىيە بىلەن چېخوسلوۋاكىيەنىڭ مۇناسسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان،بۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيەنىڭ ياۋرۇپادا گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1938 - يىلى <ميۇنخېن شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن بۇ شەرتنامە كۈچتىن قالغان.