Uyghur←Chinese主要词典
فايسال سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
费萨尔王朝
fèi sà ěr wáng cháo
(1921 - 1958 - يىللىرى) ئىراقتا ھۆكۈمرانلىق قىلغان سۇلالە. ئۇنى ھىجازلىق ھاشىم جەمەتىدىن كېلىپچىققان فايسال Ⅰ (1885 - 1933) 1921 - يىلى ئەنگىلىيەنىڭ يۆلىشى بىلەن قۇرغان. سۇلالە ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىردا، ئىراققا ئەنگلىيە مانداتلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1930 - يىلى <ئەنگلىيە - ئىراق ئىتتىپاق شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئىراق نامدا مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە يەنىلا ئىراقنىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىراق ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلىغان ھەمدە پەيدىنپەي ئامېرىكىغا بېقىنغان. 1955 - يىلى <باغداش شەرتنامىسى> ئىمزالانغان، كېيىن ئىزىنخائوئېرچىلىنى قوبۇل قىلغان. 1958 - يىلى ئىئوردانىيە بىلەن <ئەرەب قوشما شتاتى>نى تەشكىل قىلىپ، ئەرەب مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك سالغان، سول قانات پارتىيىلەرنى باسقان، خەلقنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكىتنى باستۇرغان. 1958 - يىل 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قاسىم (1963 - 1914) باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ھەربىيلەر رەھبەرلىك قىلغان ئىراق ئىنقىلابىي تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. پادىشاھ فايسال Ⅱ (1935 - 1958) ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىراقتا جۇمھۇرىيەت جاكارلىغان.