Chinese→Uyghur主要词典
法国工人党
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى
فرانسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. گېسدې ۋە لافارگې رەھبەرلىك قىلغان. 1880 - يىلى 11 - ئايدا لېخاۋرې ئىشچىلار قۇرۇلتىيىدا رەسمىي قۇرۇلغان ھەمدە ماركسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈزۈلگەن پارتىيە پروگراممىسى (يەنى <لېخاۋرې پروگراممىسى>) ماقۇللانغان. 1882 - يىلى گېسدېچىلار بىلەن مۇمكىنچىلەر ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش پارتىيىنىڭ پارچىىنىشىغا سەۋەب بولغان، شۇنىڭدىن كېيىىن گېسدېچىلار ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ نامىنى ساقلاپ قالغان. مۇمكىنچىلەر بولسا سوتسىيالىزمچى ئىشچىلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. ئىشچىلار پارتىيىسى فرانسىيىدە ماركىسزمنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان، لېكىن پارلامېنت كۈرىشىگە بەكلا بېرىلىپ كەتكەن، بۇلاڭئېر ۋە دىرېيفۇس ۋەقەسىدە ئارىلاشماسلىقتەك خاتا مەيدان قوللانغان. 1901 - يىلى لېئون قۇرۇلتىيىدا يۇرېس باشچىلىقىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن گېسدېچىلار ھەم بلانكىچىلارنىڭ ئىنقىلابىي سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن تەشكىللەنگەن فرانسىيە سوتسىيال پارتىيىسىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.