Chinese→Uyghur主要词典
法尔马科夫斯基
دۇنيا تارىخى
فارماكوۋىسكىي
(1870 - 1928) سابىق سوۋېت ئارخېئولوگى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. ئاساسەن قەدىمقى دەۋردىكى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان. 1901 - 1915، 1924 - 1926 - يىللىرى ئولۋىيە شەھىرىنى قېزىش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەزكۇر شەھەرنىڭ يەر كۆلىمىنى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ چىققان. يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىيېۋ، يىنوپاتولىيىدە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان. <روسىيىنىڭ قەدىمقى دەۋرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.