Uyghur←Chinese主要词典
فادېيېۋ
دۇنيا تارىخى
法捷耶夫
fǎ jié yē fū
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى. تېۋېر ئۆلكىسى(ھازىرقى كالىنىن ئوبلاستى)نىڭ كېمېرېۋا شەھرىدە دۇختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1918 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1939 - يىلدىن باشلاپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇزۇن مۇددەتكىچە سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شۇجىسى، باش شۇجىسى ۋە قۇشۇمچە مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1921 - يلدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەسەرلىرىدىن <تاشقىن>، <تەتۈر ئېقىم> ناملىق پوۋېستى، <تارمار> ناملىق رومانىدا ئىچكى ئۇرۇش تېما قېلىنغان بۇلۇپ، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئىنقىلابتىكى رەھبەرلىك رولى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. 1944 - يىلى <قامال مەزگىلىدىكى لېنىنگراد> ناملىق ئوچېركلار توپلىمىنى ئىلان قىلىپ، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىللىرىدىكى لېنىنگراد خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى مەدھىيلىگەن. 1945 - يىلى <ياش گۋاردىيە>ناملىق رۇمانىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭدا ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىللىرىدىكى كىراسنودون شەھرىدىكى ئىتتىپاق كومىتېتى يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ قەھرىمانلق ئىش - ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئەدەبىي ماقالىلىرى ئاساسەن <ئۇتتۇز يىل> ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئىستېتىكا
法捷耶夫
fǎ jié yē fū