Chinese→Uyghur主要词典
法本集团
دۇنيا تارىخى
فاربېن گۇروھى
فېدراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى مونوپول كاپىتال گۇرۇھى. ئۇ1904-يىلى قۇرۇلغان فاربېن شىركېتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن. 1925 - يىلى گېرمانىيىدەئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان كونسېرن فاربېن خىمىيە سانائىتى شىركىتى فاربېن گۇروھىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان. 30 - يىللاردا پۈتۈن گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىنى كونترول قىلىۋېلىپ، گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشىنى جېنىنىڭ بارىچە يۆلىگەن، 1932 - 1944 - يىللىرى ناتسىستلار پارتىيىسىنى 40 مىليون مارك خىراجەت بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاشقا پائال ھەركەت قىلىپ، ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشكە بىۋاستە قاتناشقان. بۇ گۇروھنىڭ دىرېكتورلىرى گىتلېر ھۆكۈمىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ خىمىيە ھەربىي سانائەت مەھسولاتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن بادىڭبىنئان ھەمدە سودا شىركىتى، بېئىر ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە ھىشىسىت بۇياقچىلىق شىركىتى قاتارلىقلارغا پارچىلىۋىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن موموپول تەشكىلاتى بولۇپ ئۇيۇشقان. ئامېرىكا مونوپول كاپىتالىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئەمەلىي كۈچى تېزلىكتە كۈچىيىپ، فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ خىمىيە سانائىتىنى تىزگىنلىگەن.