—参考资料
ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ تارىخى
- يىلى 6 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئېلىش كومىتېتى قۇرۇشنى تەسىقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، <شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئېلىش لايىھىسى> نى تارقاتقان.
1985 - 11 - ئايدا، ئالىي مائارىپ بويىچە تۇنجى ئىمتىھان ئېلىنغان. 1986 - يىلى 11 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1985 - يىلى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدا تۇنجى ئىمتىھان ئېلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پەلسەپە، ئىقتىساد، قانۇن، پېداگوگىكا، ئەدەبىيات، تەبئىي پەنلەر، سانائەت پەنلىرى، دېھقانچىلىق
پەنلىرى، تېبابەتچىلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 68 كەسىپتىن ئىمتىھان ئالغان. ھازىرغا قەدەر تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلىرى 350 مىڭدىن ئارتۇق، 1999 - يىلنىڭ ئاخىرغىچە، جەمئىي 83 مىڭ 421 كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلۇمىنى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ت ئاز سانلىق مىللەتلەر 29 مىڭ 783 كىشى
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。