Chinese→Uyghur主要词典
二十四条伦理
دۇنيا تارىخى
24 ماددىلىق ئېتىكا
ۋيتنام لى شېنزۇڭ (1460 - 1497) دەۋرىدە چىقىرىلغان فېئوداللىق ئېتىكا - ئەخلاق ئۆلچىمى بولۇپ، جەمئىي 24 ماددا. فېئودللىق ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن، خەلقنى زورمۇزور ئەمەل قىلدۇرۇپ، خىلاپلىق قىلغانلار جازاغا تارتىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: ئاتا بىلەن بالا، ئەر بىلەن خوتۇن، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى، ئەرلەر بىلەن ئاياللار، ھەربىي بىلەن پۇقرا، يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى فېئوداللىق ئەزىز - پەس ئايرىمىچىلىق مۇناسىۋەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت، ئاياللارغا قارىتىلغان چۈشەك تولىمۇ كۆپ ئىدى، مەسىلەن: ئاياللار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئاتا - ئانىسى ۋە ئېرى جازالايدۇ، قېچىپ كېتىشكە، قارشىلىق كۆرسىتىشكە بولمايدۇ؛ تۇل خوتۇنلار ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ ھازا مۇددىتى توشقىچە ئىددەت تۇتۇپ ئولتۇرۇشى كېرەك دېگەنلەر بەلگىلەنگەن.