Chinese→Uyghur主要词典
二圃制
ئۇنىۋېرسال
èr pǔ zhì
يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ شۈدىگەر قىلىش تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
يەرنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى
تېرىلغۇ يەرنى رايونغا ئايرىپ ئالماشتۇرۇپ تېرىش تۈزۈمىنىڭ بىر خىلى. ياۋروپادا قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كەڭ يولغا قويۇلغان. يەرنىڭ كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن ئادەتتە تېرىلغۇ يەر ئىككى قىسىغا ئايرىلىپ، بىر قىمسى تېرىلىپ، يەنە بىر قىسمى (جامائەت چارۋىچىلىق مەيدانى قىلىنىپ) ئاق قالدۇرۇلغان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تېرىلغان. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن، مىلادى Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ بارا - بارا بۇنىڭ ئورنىغا ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بەزى رايونلاردا كىلىمات، تۇپراق جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى بىلەن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ تېرىش تۈزۈمى تەڭ ساقلىنىپ كەلگەن.