Chinese→Uyghur主要词典
恩维尔
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
ēn wéi ěr
ئېنۋىل
دۇنيا تارىخى
ئەنۋەر پاشا
(1881 - 1922) تۈركىيە ئوفىتسېرى، ياش تۈركىيە پارتىيىسى باشلىقلىرىنىڭ بىرى. ئىستانبول قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە باش تۈركىيە پارتىيىسىگە كىرگەن. 1908 - 1909-يىللاردىكى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1909 - 1911-يىللىرى گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار بولغان. 1913-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئەركىن كېلىشتۈرگۈچى پارتىيىسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇۇرپ تاشلاپ تالات، كاماللار بىلەن بىرلىكتە ياش تۈركىيە پارتىيىسىنىڭ <ئۈچ باشلىقلىق دىكتاتۇرا> نى قۇرغان، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، قوشۇمچە باش شتاب باشلىقى بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. گېرمانىيەپەرس ۋە پان تۈركىزملىق سىياسەتنى ئىجرا قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان، ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1921-يىلى ئوتتۇرا ئاسيادا سوۋېت روسىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى توپىلاڭ ئۇيۇشتۇرغان، ئىككىنچى يىلى قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.