Uyghur主要词典
كىسلاتا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
خىمىيە
سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ھىدروگېن ئىئونى پەيدا قىلىدىغان بىرىكمىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ تۈردىكى ماددىلار ئاساسلار بىلەن نېيتراللىشىپ تۇز بىلەن سۇ ھاسىل قىلىدۇ، سۇدىكى ئېرىتمىسى كىسلاتالىق تەمگە ئىگە، لاكمۇس قەغىزىنى قىزارتىدۇ، بەزى مېتاللار بىلەن بىرىكىپ ھىدروگېن بىلەن تۇز ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، سۇلفات كىسلاتاسى، تۇز كېسلاتاسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.