Uyghur→Chinese主要词典
بەل باغلىمى
بىئولوگىيە
腰带
yāodài
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئارقا پۇت ئىسكىلىتى بىلەن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى ئۆزئارا باغلاشتۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا ئىسكىلىت تۈزۈلۈشى. ئادەتتە يانپاش سۆڭىكى، ئولتۇرۇش سۆڭىكى ۋە ئۇيات سۆڭىكىدىن ئىبارەت ئۈچ جۈپ كۆمۈرچەك ياكى قاتتىق سۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان. بۇ ئۈچ جۈپ سۆڭەك پارچىسى سۈت ئەمگۈچىلەردە ئۆزئارا بىرىكىپ يانپاش سۆڭىكىگە (<نامسىز سۆڭەك> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئايلانغان ھەمدە توققۇز كۆز بىلەن بىرىكىپ داس سۆڭىكىنى ھاسىل قىلغان.