—参考资料
كەسپىي مائارىپ
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
كەسپىي مائارىپ ئومۇمەن تەربىيە ئوبىيېكىتلىرىغا كەسپىي تېخنىكا بىلىمى، كەسپىي ئىقتىدار تەربىيسى ھەم باشقا تەربىيىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ئىقتىدار مائارىپتىن ئىبارەت . ئۇ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەشكىلى قىسىمى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، جەمئىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم يول. 1999 - يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتىن 371 بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم 113، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 109 ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى 68 ، چوڭلار ئوتتۇرا ئوتتۇرا تېخنىكوم 81 ئىدى. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 180745 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى 93445 نەپەر (ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى 49700 نەپەر بولۇپ، 53.2 نى ئىگىللەيدۇ).كەسپىي تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 30035 نەپەر (ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 9466 نەپەر بولۇپ،31.5 نى ئىگىللەيدۇ). تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپى ئوقۇغۇچى سانى 27692 نەپەر،چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 29673 نەپەر بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلىكىدىكى ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 48.9 نى ئىگىللەيد%ۇ.