Uyghur→Chinese主要词典
مارىيە
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
马利亚
mǎ lì yà
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئاياللار ئىسىملىرى
玛日耶
mǎ rì yē
دۇنيا تارىخى
玛丽亚二世
mǎ lì yà èr shì
(1819 - 1853) پورتۇگالىيە كورۇلىۋاسى (1834 - 1854). تولۇق ئىسمى مارىيە گلورىيە، برازىلىيە ئىمپېراتورى پېدرو Ⅰ نىڭ قىزى. رىئو دې - ژانېيرو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1826-يىلى بوۋىسى پورتۇگالىيە كورۇلى ژوئو Ⅵ (1767 - 1826) ئۆلگەندىن كېيىن، ئاتىسى تەرىپىدىن پورتۇگالىيە تەخت ۋارىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. 1828-يىلى 9-ئايدا ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن، تاغىسى مىگېل ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلىۋالغان (<مېگىل ئۇرۇشى> غا قاراڭ) لىقتىن يەنە برازىلىيىگە قايتىپ كەتكەن. 1834-يىلى مىگېل پورتۇگالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ تەختكە چىققان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ئىچكى جەھەتتىن 1822-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلغۇچى رادىكاللاr بىلەن 1826-يىلدىكى ئاساسىي نىزامنى قوللىغۇچى خارتىستلار ئوتتۇرىسىدا كۈرەش كەسكىن بولۇپ، سىياسى ۋەزىيەتتە داۋالغۇش يۈز بېرىپ تۇرغان.