—参考资料
بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلى
مىكرو ئورگانىزملار
يېقىندا خەلقئارا بازاردا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان بىر خىل يېڭى يېمەكلىكلەر پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى خۇددى توخۇ گۆشىگە، بېلىق گۆشىگە ياكى چوشقا گۆشىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇلار دېھقانلار باققان ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلات ياكى تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن ئاشلىق بولماستىن، بەلكى مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مىكرو ئورگانىزملار ئاقسىلدىن تەييارلانغان. بەزىلەر ئۇلارنى «سۈنئىي گۆش» دەپ ئاتىدى.
بىزگە مەلۇم، ئاقسىل ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ھاياتلىق بارلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئاقسىل بار، مىكرو ئورگانىزملارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئەمما، ھازىرغا قەدەر، مىكرو ئورگانىزملار ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان باكتېرىيىلەر تۈرى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاساسلىقى كېسەل پەيدا قىلمايدىغان بەزى باكتېرىيە، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغلىرى ۋە كىچىك تىپتىكى يۈسۈنلەردۇر. ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن ئاددىي، ھەممىسى بىر ھۈجەيرىلىك بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئاقسىلى بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتا، كىشىلەر مىكرو ئورگانىزملارغا ئەڭ مۇۋاپىق مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، يەنى ھەر خىل چوڭلۇقتىكى ئېچىتىش ئىدىشلىرىغا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ »ئىشتىھا« سىغا ياقىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تويغۇچە يەپ - ئىچىپ، تېز كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئېچىتىش ئىدىشلىرىدىكى مىكرو ئورگانىزملار كۆپىيىپ يېتەرلىك مىقدارغا يەتكەندە، يىغىۋېلىنىپ، پىششىقلىنىپ ئىشلىنىدۇ.
بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاقسىل مىقدارى %80 -40 بولۇپ، ئادەتتىكى ھايۋان - ئۆسۈملۈكتىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىدىكى ئامىنو كىسلاتالارنىڭ تۈرى تولۇقراق بولىدۇ، ئادەتتىكى ئاشلىقلاردا بولمايدىغان بىرقانچە خىل ئامىنو كىسلاتا بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىدا كۆپ مىقداردا بولىدۇ. ئۇلاردىن باشقا، يەنە كۆپ خىل ۋىتامىن بولىدۇ، بۇ جەھەتتىمۇ ئادەتتىكى يېمەكلىكلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىدا يۇقىرىقىدەك گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقلار بولغاچقا، ھازىر كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇناسىپ تەم تەڭشىگۈچلەرنى قوشۇپ، ئۇنى توخۇ، بېلىق، چوشقا گۆشى ئورنىدا ئىستېمال قىلماقتا، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى گۆشكە ئوخشاپلا قالماستىن، تەمىمۇ مەززىلىك بولىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ تەبىئىي بېلىق، گۆشلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ؛ ئۇنى پېچىنە، ئىچىملىك، سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ئارىلاشتۇرسا، مۇشۇ خىل ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مال - قۇشلارنىڭ يەم - خەشىكىگە بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىدىن %10 -3 ئارىلاشتۇرۇۋەتسە، يەم - خەشەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە پايدىلىنىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. چوشقا بېقىلسا، قارا گۆش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ؛ توخۇ بېقىلسا، كۆپ تۇخۇم تۇغىدۇ. سېغىن كالا بېقىلسا، سۈت مەھسۇلاتى ئاشىدۇ. ئۇلارنى ۋالىدامىتسىن (جىڭگاڭمېيسۇ)، ئىنوزىن (كارنىن)، ئانتىبىئوتىك قاتارلىقلارنى ئىشلەيدىغان ئېچىتىش سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاشلىق ئورنىدا خام ئەشيا قىلسا بولىدۇ. بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئىستىقبالى پارلاق.
دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاشلىق ۋە يەم - خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا. بۇنداق ئېغىر رېئاللىق ئالدىدا بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىنى ئېچىپ پايدىلىنىش نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يېڭى چىقىش يولىغا ئايلاندى. ئەگەر ئاقسىل مىقدارى بويىچە ھېسابلانسا،1 كىلوگرام بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلى5 .1-1 كىلوگرام سويا پۇرچاققا توغرا كېلىدۇ. بەش دانە100 توننىلىق ئېچىتىش ئىدىشى بار زاۋۇتتىن بىرنى قۇرسا، يىلىغا5000 توننا بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بۇ50 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرگە تېرىغان سويا پۇرچاق مەھسۇلاتىغا توغرا كېلىدۇ.
بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىنى ئىشلەپچىقىرىش كىشىلەرگە گۈزەل ئەتىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر ھۈجەيرىلىكلەر ئاقسىلىدىن تەييارلانغان تائاملار بەلكىم ئۇزۇنغا بارماي ئائىلىڭىزنىڭ تاماق شىرەسىگە چىقىشى مۇمكىن.