Uyghur主要词典
كاتەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېتىزلارنى، بولۇپمۇ ئوتياشلىقنى سۇغىرىشقا ئەپلىك قىلىپ بۆلگەن بۆلەكلەر.
تۆگىنى ئۇسسۇلغا تارتساڭ تۆت كاتەك زەردەكنى ۋەيران قىلار. ئوتياشلار بىر نەچچە كاندۇكقا تېرىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە لايىق ياسىۋالغان ئۆيى، جايى.
<پەغەز>، <كاتەك> ئادەم تەييارلىغان ئۇۋا.
مۇشتۇمدەك قۇش يۈرەكتەك ئۇۋا سالار. سايرىغان قۇش چاڭگا سالماس. چاڭگا بۇزۇلسا، تۇخۇم ساق قالماس. قۇش ئاشيانىسى بىلەن، ئادەم ئاشناسى بىلەن. تۈلكە ئايەت ئوقۇسا، غازنى كاتەككە سال. كەپتەرگە پەغەز، خەتكە قەغەز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
توخۇ، توشقان، كەپتەر قاتارلىقلار سولىنىدىغان كىچىك ئۆي.
باقى توخۇلارغا كاتەك سالدى.
نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە چىقىرىلىدىغان تۆت بۇرجەك شەكىل.