Uyghur→Chinese主要词典
تاتارلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
塔塔尔人
tǎ tǎ ěr rén
تاتارلار روسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىر قىسمى روسىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى (تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار فېدېراتسىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 8.3 پىرسەنتىنى، جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 49 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىر قىسمى ئاستىراخان، چىلىيابىنسكى، قىرىم، باشقىرىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەت - رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون 560 مىڭ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (48 مىڭ)، بۇلغارىيە، رومىنىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم تاتارلار ئولتۇراقلاشقان.
تاتارلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ سىبىرىيە تىپىغا كىرىدۇ؛ ئالتاي تىللىرى سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسنىڭ قىپچاق تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تاتار تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، تاتارىستان تاتارلىرى سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ.
تاتارلار ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، ئاز بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
تاتارلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا - سېتىق ۋە قول - ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچلىقتا بۇغداي، قارا بۇغداي، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
تاتارلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان قەدىمكى قوۋملارنىڭ بىرى بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخنامىلىرىدا ئېنىق قەيت قىلىنغان.
Ⅲ - Ⅳ ئەسىرلەردە ھۇن قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر غەربكە كۆچۈش مەزگىلىدە، بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرىمۇ ئورال تاغ تىزمىسىنى بويلاپ ئىدىل (ھازىرقى ۋولگا دەرياسى) ۋە كام دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن، بۇ قەبىلىلەر شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە تىللاردا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن. Ⅹ[KG-*2]Ⅲ ئەسىرنىڭ بېشىدا يەنە بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرى باتۇخانغا ئەگىشىپ غەربكە كۆچۈپ، قارا دېڭىز، ئىدىل دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار قىپچاق - ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەۋەسىدە ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بىلەن پەيدىنپەي ئۆزئارا قوشۇلۇپ يېقىنقى زامان تاتار مىللىتىى بولۇپ شەكىللەنگەن. تاتارلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا خىلمۇ خىل تەبىئىي شارائىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى مەھەللىۋى پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئولتۇراق ئۆي، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن، شەھەردىكى تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايرىم قورالىق پېشايۋانلىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە قوڭالتىردىن ياسالغان تام مەش بولىدۇ، ئۆيگە گىلەم ئېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھويلا - ئاراملىرى ئازادا كېلىدۇ، ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە مېۋىلىك بېغى بولىدۇ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاتارلار يايلاق تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان كىگىز ئۆي چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ.
تاتارلار يېمەك - ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۆپرەك بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، گۆش، كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى قوشۇمچە قىلىدۇ، تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملىرى قورداق، ئېت بەلش، گۇبەيدې، گۆش نان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تائاملىرى ئۆزگىچە مىللىي پۇراققا ئىگە.
تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كانىۋايلىق ئاق كۆڭلەك كېيىپ، ئۈسىتىگە قارا جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ؛ بېشىغا يازلىقى گۈللۈك تەقىيە، قىشتا قارا كۆرپە تۇماق كېيىدۇ؛ پۇتىغا ئۆتۈك كېيىپ كالاچ قاپلىۋالىدۇ؛ ئاياللىىرى ئۇچىسىغا پىلاتى - يوپكا ۋە كەشتىلەنگەن ئۇزۇن ئاق ياكى سېرىق، جىگەر رەڭ كۆڭلەك، بېشىغا ئۈنچە تۇتقان گۈللۈك دوپپا كېيىپ ياغلىق سېلىۋالىدۇ؛ ھالقا، زىرە، مارجان، مېدالىيون قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
تاتارلار توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
تاتارلاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزىلىپ بەكمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ، يىگىت قىز تەرەپتە بىر مەزگىل تۇرىدۇ، بەزى جايلىرىدا يېڭى كېلىن بىر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ.
تاتارلاردا قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، مەۋلۇد قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا، نورۇز ۋە <سابان> قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
تاتارلار خۇشخۇي ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ، تاتارلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىپ ئۆتىدۇ، ياشانغان مويسىپىت كىشلەرنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، تاتارلار جامائەت سورۇنلىرىدا يەرگە تۈكۈرمەيدۇ، مىشقىرمايدۇ. تاتارلار ئاق كۆڭۈل، سىلىق سىپايە، خۇشپېئىل ۋە ئۆم ئىناق كېلىدۇ.
تاتارلار بىر كىشلىك جىر - قوشاقلارنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت.
ئومۇمەن تاتارلارنىڭ تۇرمۇشى جىر - قوشاقتىن ئايرىلمايدۇ، شۇڭا تاتارلار ئىچىدە جىر - قوشاق بىلمەيدىغىنى يوق، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام بەزمە مەرىكىلىرىمۇ جىر - قوشاقسىز ئۆتمەيدۇ.
تاتارلار مول يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغىمۇ ئىگە مىللەت.
تارىختا تاتار خەلقى ئىچىدىن مارليا قولى، خارەزىمى، قۇتبىي، مەخمۇد بۇلغارىي، قۇربانغەلى، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار، تارىخچىلار ۋە شائىر ئەدىبلەر چىققان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن تاتار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان.
تاتارلارمۇ يېمەكلىكلەرنى <ھالال>، <ھارام> دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ، ھارام گۆش ۋە يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ.
تاتارلار 7 ساننى خاسىيەتلىك سان، كۆك كەپتەرنى بەخت قۇشى دەپ بىلىپ ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ.
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
鞑靼人(塔塔尔人)
dá dá rén (tǎ tǎ ěr rén )
ئۇنىۋېرسال
鞑靼人
dá dá rénDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
鞑靼拉尔
dá dá lā ěrDتارىخ
鞑靼
dá dá
دىنى سۆزلۈكلەر
塔塔尔族
tǎ tǎ ěr zú
دىنى سۆزلۈكلەر
塔塔尔人
tǎ tǎ ěr rén