Uyghur主要词典
رابىيە ئاداۋىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(713 - 801) سوپى مەزھىپىدىكى ئايال ئەۋلىيا. بەسرەدىكى نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە قۇللۇققا سېتىۋېتىلگەن. ئاللاغا چوڭقۇر ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنغان. ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن تەنھا زاھىد بولۇپ ئاللاغا ئىبادەت قىلدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلار كۆپەيدى. ئېتىقاد قىلىش دوزاقتىن قورققانلىقتىن ياكى جەننەتنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى خالىس پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت، بىردىنبىر ئاللا ھەقىقىي مەۋجۇتتۇر. تەقۋادارلىق مۇھەببەت بىلەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاللاغا يېقىنلىشىش، ئاللاغا بولغان مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىش كېرەك، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى زاھىدلىق تۇرمۇشنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىققا بۇرىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتتى.