Lughet
词典中文樱桃
ChineseUyghur主要词典

樱桃

دېھقانچىلىق,ئورمانچىلىق yīng táo گىلاسDئۆسۈملۈك yīng táo گىلاس ئالۇچاDئۇنىۋېرسال yīng táo گىلاس شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى گىلاس بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان، نەشپۈتكە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى سوقىچاق، گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ ئاق، مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل، چۈچۈمەل تاتلىق، ئادەتتە مېۋىسى ئىستېمال قىلىنىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. تاتلىق گىلاس ھۆل ئىسسىق، چۈچۈمەل گىلاس قۇرۇق سوغۇق. كۆكرەكنى بوشىتىش، ئىچنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈش، سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، تۇتۇش ۋە پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 3 تال ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان تاتلىق گىلاسنى رۇم بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، دوۋساق ۋە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ. گىلاسنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، چىراينى پارقىرىتىدۇ. يېڭى تاتلىق گىلاسنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆكرەك، گالنىڭ يىرىكلىكى، يۆتەل ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. چۈچۈمەل گىلاسنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىپ، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.
Rate this entry

该词在其他来源中的释义

樱桃ChineseEnglishGetWord 语料库樱桃ChineseUyghurGetWord 语料库樱桃ChineseEnglish主要词典樱桃专业术语樱桃ChineseUyghur专业术语

相关词

樱桃李ChineseUyghur樱桃蛆ChineseUyghur樱桃虎ChineseUyghur樱桃椒ChineseUyghur樱桃桔ChineseUyghur樱桃李ChineseUyghur
← 搜索