Uyghur主要词典
ماركۇس
دۇنيا ئەدەبىياتى
گارسيا ماركۇس1928 - يىلى كولومبىيىدىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ مومىسى چۆچەك ئېيتىشقا بەك ئۇستا بولۇپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان.18 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ قانۇن ئۆگەنگەن، ئەينى چاغدا ۋەزىيەت قالايمىقان بولغاچقا، ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان. كېيىن، گېزىتچىلىك ساھەسىگە كىرىپ،«كۆزەتكۈچى گېزىتى»دە مۇخبىر بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى باشلىغان.1982 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ماركۇسنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى18 يىل غۇلغۇلا قىلىنىپ،1967 - يىلى نەشر قىلىنغان «يۈز يىل غېرىبلىق» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ روماندا پولكوۋنىك بوئېندىيە جەمەتىدىكى بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئاجايىپ ئەگرى - توقاي كەچۈرمىشلىرى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، كارپ دېڭىزى بويىدىكى بىر كىچىك بازار ماكاندونىڭ گۈللەنگەن ۋە خاراب بولغان100 يىلدىن ئۇزاق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ،16 - ئەسىردىن كېيىنكى كولومبىيىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، ئىدىيە، ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادەتلىرى جەھەتلەردە يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. روماندا كولومبىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، چوڭ پومېشچىك، چوڭ سودىگەرلەر ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋېلىپ، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان، ئىچكى ئۇرۇش بېسىلمىغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەنسىز بولغان چىن مەنزىرىسى تەپسىلىي ئىپادىلىنىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكى ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ چاكىنا، رەزىل قىلمىشلىرى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلانغان؛ خالايىقنىڭ ئاڭسىزلىقى ھادىسىسىمۇ ئېچىپ تاشلانغان ۋە تەنقىد قىلىنغان. ئەسەردە نۇرغۇن سەھىپە ئاجرىتىلىپ، بوئېندىيە جەمەتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد غېرىبلىقتا ئۆتكەنلىكى، ئائىلە ئىچىدە ئەر - خوتۇن، ئاتا - بالا، ئانا - قىز، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ كۆڭلى بۆلەك بولۇشى، مېھىرسىزلىكى، بىر - بىرىگە ئىشەنمەسلىكى سۈرەتلەپ بېرىلگەن. يازغۇچى بۇ غېرىبلىق ھالىتىنى چۆچەك، رىۋايەت، خىيال بىلەن يۇغۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ غېرىبلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى توغرىسىدا ئويغا سالىدۇ، كىشىلەرنى بۇ غېرىبلىق ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەقدىر سالغان بۇ يولدىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. روماندا نۇرغۇن ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلەر ۋە پېرسوناژلار، قويۇق ئەپسانىۋى تۈس ۋە سىمۋوللۇق پۇراق، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بولغاچقا، «سېھرىي رېئالىزم»نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى دەپ ئاتالغان.