Uyghur主要词典
ئوۋېن
مەشھۇر شەخسلەر
روبېرت ئوۋېن (1771 −1858 - يىللار) ئەنگلىيىلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ئۈچ چوڭ خىيالىي سوتسىيالىزمچىنىڭ بىرى. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، يەتتە يېشىدا ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان، ئون يېشىدا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان، شاگىرت، پىركازچىك بولۇپ ئىشلىگەن. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك سەبىي ئوۋېننى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن، كەچلىرى پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىغا تايىنىپ تۇرۇپمۇ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئاران تەستە چىقالىغان، كۈنىگە ئاران بەش سائەت ئۇخلاشقا رۇخسەت قىلىنغان. جاپالىق تۇرمۇش ئوۋېنغا كاپىتالىستىك جەمئىيەت پەيدا قىلغان جەبىر - جاپالارنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچى ئاممىغا نىسبەتەن ھېسداشلىق پەيدا قىلغان.
كېيىن، ئوۋېن داڭلىق كارخانىچىغا ئايلىنىپ، جەمئىيەتتىكى نامۇۋاپىق ئەھۋاللارنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىغا كىرىشكەن. ئەڭ دەسلەپكى سىناقنى ئۇ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئېلىپ بارغان. ئۇ ئىشچىلارنىڭ كۈنلۈك ئەمگەك ۋاقتىنى ئون يېرىم سائەتكە قىسقارتىپ، بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرگەن، فابرىكا بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغاندىمۇ، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىۋەرگەن، ئىشچىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوپچە ئاشخانا، ماگىزىن، ئۈلگىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى قاتارلىقلارنى ئاچقان. بۇنداق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئادەتتىكى كاپىتالىستلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۇقىرىقىدەك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئارقىسىدا، ئوۋېننىڭ فابرىكىسىنىڭ كىرىمى ئازىيىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە سەل - پەل كۆپەيگەن. بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئوۋېنغا ئىلھام ئاتا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سىناققا تۇتۇش قىلىپ، ئامېرىكىدا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، يېڭىچە كوممۇنىزم مەھەللىسى قۇرماقچى بولغان. ئۇ »يېڭى ئىناق مەھەللە« دەيدىغان بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇپ،800 دىن ئارتۇق ئەزا قوبۇل قىلغان، مال - مۈلۈك ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلغان، ھەممەيلەنگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنغان، دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئارزۇ قىلغان. ئەمما، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماي تۇرۇپ، بۇ نىشانغا يېتىش قۇرۇق خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئاقىۋەتتە »يېڭىچە ئىناق مەھەللە« قۇرۇلۇشى مەغلۇپ بولۇپ، ئوۋېن بارلىق مال - بىساتىدىن دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان. لېكىن، ئۇ بۇ ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن چېكىنىپ كەتمەي، ئەنگلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ئارىسىدا ئىشچىلارنى كاپىتالىستلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسىدىن قۇتقۇزۇشنى داۋاملىق سىناق قىلغان. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش پىلانى ھەم تەشەببۇسىنى بوشاشماي تەشۋىق قىلغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكى كېيىنكىلەر ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ قالغان.
دۇنيا تارىخى
(1) روبېرت ئوۋېن (1771 - 1858) ئەنگلىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. قول سانائەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئون يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تىرىكچىلىك قىلغان. 1791 - يىلى كارخانا ئىگىسى بولغان. 1799 - يىلى شوتلاندىيىدىكى يېڭى لاناركتا فابرىكا ئېچىپ، خەير - ئېھسانچى سالاھىيەت بىلەن ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا كۆڭۈل بۆلگەن: ئىشچىلارنى بىر قەدەر ياخشى تۇرالغۇ جاي بىلەن تەمىنلىگەن؛ ھەمكارلىق سودا دۇكىنى ئاچقان؛ ئون ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يەسلى، بالىلار باغچىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن كەچكى مەكتەپ قاتارلىقلارنى قۇرۇپ بەرگەن. مائارىپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا بىلىمگە ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ماركس ئەمگەك بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن بۇنداق تەجرىبە - <كەلگۈسى مائارىپنىڭ بىخى>، <بەلكى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئادەمنى يېتىشتۈرىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل> دەپ ھېسابلىغان (<ماركس - ئېنگېلس ئەسەرلىرى> 23 - توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 530 - بەت). ئوۋېن ئادەم مۇھىتنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا جەمئىيەتتىكى بارلىق جىنايەتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. 1824 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ سىناق تەرىقىسىدە كوممۇنىستىك <يېڭى ئىناق كەنت> قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئومۇم ئىگىدارلىق قىلىش ۋە كوللېكتىپ ئەمگەكنى يولغا قويغان. كېيىن ۋەيران بولۇپ مەغلۇپ بولغان. 1829 - يىلى ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىللەش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كوممۇنىزملىق تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشچىلارنىڭ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرغان، ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنى قوللىمىغان، بىلىم تارقىتىشقا تايىنىپ ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى يوقىتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە ئۈمىدنى رەھىمدىل ھۆكۈمرانلارغا باغلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <يېڭى جەمئىيەت قارىشى> بار. (2) ۋاشىنگتون ئوۋېن (1783 - 1859). ئامېرىكىلىق يازغۇچى. نيۇ - يورك شەھىرىدىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، ئەدەبىياتقا قىزىققان. 1804 - 1806 - يىللىرى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغان. 1807 - 1808 - يىللىرى <سالمىنگاندا> ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1809 - يىلى <نيۇ - يوركنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى> نى نەشر قىلغان. 1815 - يىلىدىن كېيىن ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىپ، نۇرغۇن خاتىرە ۋە ساياھەت خاتىرىلىرىنى يېزىپ چىققان. 1826 - 1832 - يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىسپانىيە، ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدا خىزمەت قىلغان. 1842 - 1846 - يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ، ئىندىئانلارغا قارىتا قىلىنغان قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىپ، جېففېرسون زۇڭتۇڭ باشچىلىقىدىكى دېموكراتلارنى مەسخىرە قىلغان. لېكىن بۇرۇنقى چېركاۋنى پەردازلىغان. كېيىنكى ئەسەرلىرىدە كېڭەيمىچىلىك خاھىشىنى ماختىغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن <ئاستورىيە>، <كۆرگەن - ئاڭلىغانلاردىن خاتىرە>، <گىلسىمىنىڭ تەرجىمىھالى>، <ۋاشىنگتوننىڭ تەرجىمىھالى> قاتارلىقلار بار.