Uyghur主要词典
رەڭدار كۆۋرۈك
تەبىئىي ھادىسىلەر
ئا ق ش نىڭ غەربىي قىسمىدىكى كولورادو ئېگىزلىكىدە نۇرغۇن تاش كۆۋرۈك بار. بۇ كۆۋرۈكلەرنى ئىنسانلار ياسىغان ئەمەس، شۇڭا ئۇلار «تەبىئىي كۆۋرۈك» دېيىلىدۇ.
بۇ تەبىئىي كۆۋرۈكلەر ئاساسەن ئا ق ش نىڭ ئۇتا شتاتىغا مەركەزلەشكەن، جەمئىي300 دىن كۆپرەكى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇنى مويابۇ ئەتراپىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 .88 مېتىر كېلىدۇ، جىلغا ئاستىدىن ھېسابلىغاندا5 .30 مېتىر ئېگىزلىكتە، كۆۋرۈكنىڭ ئەڭ تار جايى18 مېتىر كېلىدۇ؛ ئەڭ چوڭى ئارىزونا شتاتى بىلەن ئۇتا شتاتىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دەل كولورادو دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى چياۋشى جىلغىسىدا. بۇ تەبىئىي كۆۋرۈك سۇ يۈزىدىن2 .94 مېتىر ئېگىز بولۇپ، تەخمىنەن30 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر. ئۈستىنىڭ قېلىنلىقى13 مېتىر، كەڭلىكى7 .6 مېتىردىن10 مېتىرغىچە، ئۇزۇنلۇقى85 مېتىر كېلىدۇ. كۆۋرۈك قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىلگۈل رەڭلىك قۇم تاشتىن تۈزۈلگەن، ئەگەر سىز جىلغىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا تۇرۇپ كۆۋرۈككە نەزەر سالسىڭىز، خۇددى ھەسەن - ھۈسەن جىلغا ئۈستىدە توغرىسىغا سوزۇلۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى بىر ئاجايىپ كۆرۈنۈش. شۇ يەرلىك ئىندىئانلار ئۇنى »بالاخابنى« دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ «ھەسەن - ھۈسەن» دېگەن مەنىدە.1909 - يىلى8 - ئايدا، غەربنى ئېچىۋاتقان ئا ق ش لىق ئاق تەنلىكلەر بۇ تەبىئىي كۆۋرۈكنى بايقاپ، ئۇنىڭغا «رەڭدار كۆۋرۈك» (ھەسەن - ھۈسەن كۆۋرۈكى) دەپ ئىسىم قويغان، ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىققان. بۇ يەردىكى تەبىئىي كۆۋرۈكلەر قارىماققا غايەت زور تەبىئىي ئەگمە ئىشىككە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئا ق ش ھۆكۈمىتى بۇ يەرنى «تەبىئىي ئەگمە ئىشىك دۆلەت باغچىسى» قىلىپ قۇرغان.
تەبىئىي كۆۋرۈك كۆپ ھاللاردا ھاك جىنسلىق رايونلاردا ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە ھاك جىنسلار تەركىبىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولغان كىسلاتالىق دەريا سۈيىدە ئاسان يىمىرىلىدۇ، ئېقىن سۇلارنىڭ كۈنلەپ - يىللاپ توختىماستىن يالىشى ئارقىسىدا، بۇ يەردىكى تاغ جىنسلارنىڭ ئاستى قىسمىدىكى ھاك جىنس قەۋىتى ئېرىپ «تېگىدىن يالىنىپ» ئىچى كاۋاك غارلار ھاسىل بولىدۇ، ئۈستى قىسمىدىكى قاتتىق كەلگەن قۇم تاش جىنسلار ئاسان يىمىرىلمىگەچكە ساقلىنىپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھاسىل بولغان ئىچى كاۋاك غارلار بارغانسېرى يوغىناپ ھەم ئۇزىراپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئاجايىپ ھەيۋەتلىك تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.