Uyghur主要词典
كەسىپ تېخنىكا مائارىپى
ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇش پۈتكۈزگەندە مۇنداق ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ: بىرى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە ئاساس سېلىش؛ يەنە بىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كەسىپ - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئاتلىنىش. ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا مائارىپى بارغانسېرى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا مائارىپىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دۆلەت مائارىپىنىڭ يادروسىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %80 ى كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. ئېلىمىزدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سانى1992 - يىلىدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ، ئۆزىنىڭ گۈللەپ - ياشنىغانلىقىنى نامايان قىلدى.
ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا مائارىپىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب كۆپ تەرەپلىك. بىرىنچىدىن، سانائەت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا خادىملىرىغا موھتاج. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى ئالغان بىر ئىنژېنېرغا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا تەربىيىسى ئالغان تۆتتىن ئالتىگىچە تېخنىك ماسلاشقاندىلا، ئاندىن مەلۇم تېخنىكا تۈرىنى ئوڭۇشلۇق ۋە تېجەشلىك ئورۇندىغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا مائارىپىنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىقتىدار، ماھارەت مەشقى تەكىتلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئىش ئورنىغا چىقىپ ئىشلىيەلەيدۇ، ئۇلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن تېخىمۇ تېز چىقالايدۇ، شۇڭا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسىپ - تېخنىكا مائارىپى بازار بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، يېتىشتۈرۈش نىشانى ئېنىق، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئۇچۇر كەسپى، مۇلازىمەتچىلىكنى يادرو قىلغان3 - كەسىپنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپ - تېخنىكا مائارىپى بارغانسېرى گۈللەپ - ياشنايدۇ.