Uyghur→Chinese主要词典
يېتىلىش بىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
发育生物学
fāyùshēngwùxué
جانلىقلارنىڭ يەككە يېتىلىش جەريانىدىكى ئۆسۈشى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈشىنىڭ مورفولوگىيىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق دەۋرلىكىنىڭ ئاددىي شەكلى مۇنداق: ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، تۆرەلمە، گۆدەك تەن، يېتىلگەن تەن ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا يېتىلگەن تەن نىسبەتەن ئۇزۇن بولغان كۆپىيش مەزگىلىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تەدرىجىي قېرىيدۇ. يېتىلىش جەريانىدا مولېكۇلا، ھۈجەير، توقۇلما ۋە ئورگانلاردا كۆرۈلىدىغان بارلىق بىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە ئىقتىدارىدىكى ئۆزگىرىشلەر يېنىلىش بىئولوگىيىسىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
发展生物学
fā zhǎn shēng wù xué