Uyghur→Chinese主要词典
سوساي
دۇنيا تارىخى
荣西
róng xī
(1141 - 1215) ياپونىيە بۇددا دىنى لىنجى مەزھىپىنىڭ پېشۋاسى. بىچۇ (ئوكاياما ناھىيىسى)نىڭ يوشى خىيىزۇ دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. ئىسمى مىڭ يەن، تەخەللۇسى يى شاڭفاڭ. كىچىك چېغىدا ئەنياڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگەن، كېيىن يەنە بىرۇيشەن تېغىغا چىقىپ تيەنتەي مەزھىپىنى ئۆگەنگەن. 1168 - يىلى (ياپونىيە رېن يوسىنىڭ 3 - يىلى، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى گەنداۋنىڭ 4 - يىلى) 4 - ئايدا جۇڭگوغا كەلگەن ۋە تيەن تەيشەن، يۇۋاڭشەن تاغلىرىغا چىقىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەن. 9 - ئايدا ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن ۋە تيەن تەيشەننىڭ ئوتتۇز پارچىدىن ئوشۇق شەرھلىرىنى ئالغاچ كېتىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن. كېيىن تىيەن تەيزۇڭ مەزھىپىنى روناق تاپقۇزۇشتا، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئىگىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان. 1187 - يىلى (ياپونىيە بۇنجىنىڭ 3 - يىلى، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى جۈنشىنىڭ 14 - يىلى) يەنە جۇڭگوغا كەلگەن. تيەن تەيشەنتېغىدا لىنجى مەزھىپى خۇاڭلوڭ ئېقىمىدىكى شۈيئەننىڭ قېشىغا بېرىپ، لىنجى ئېتىكاپتا ئولتۇرغان. شۈيئەنگە ئەگىشىپ تيەنتوڭشەن تېغىغا كەلگەن. 1191 - يىلى ياپونىيىگە قايتقان، كيۇتودىكى شيۇەن ئىبادەتخانىسىدا دىن تارقاتقان. 1193 - يىلى راھىب لياڭبيەن تەرىپىدىن پاش قىلىنغان، ئۇ <راھىب بولۇش پروگراممىسى>نى يېزىپ چىقىپ، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش بىلەن تيەن تەيزۇڭ مەزھىپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاقلىغان. 1198 - يىلى <ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى روناق تاپتۇرۇپ دۆلەتنى قوغداش توغرىسىدا> ناملىق كىتاب يازغان. 1199 - يىلى مىكورا كېنسېيفو ئىبادەتخانىسىغا بارغان. 1202 - يىلى كيوتودا كېنرېن ئىبادەتخانسىنى قۇرۇپ،جىنيەنيۇەن ۋە جىگۇنيۇەن تەسىس قىلغان. تيەنتەي مەزھىپى، جىنيەن مەزھىپى، شەنزۇڭ مەزھىپىدىن ئىبارەت ئۈچ مەزھەپنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرغان. بۇددا دىنىنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1206 - يىلى خىگاشى ياما ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ بۇ ئىبادەتخانىنى گۈللەندۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلغان. كىتابلىرىدا تاڭ سۇلالسىدىكى ئەدىبلەرنىڭ ئۇسلۇبى كۆرۈنەرلىك بولغان. دۆلىتىگە قايتاشىدا چاي ۋە چاي ئىچىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەتكەن. < چاي ئىچىپ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش خاتىرىسى> دېگەن كىتاب يازغان.