Uyghur主要词典
تەلەيلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەختى بار، بەخت - سائادەتكە ئېرىشكەن، تەلىيى كەلگەن، بەخت - تەلەي يار بولغان.
بەخىتلىككە يۇرتىنىڭ ھەممىسى بەختلىك كۆرۈنەر. تەلەيلىك تەرىدىن بىلىنەر. سائادەتمەن ئادەم شەھۋانىيەتكە بېرىلمەس. تېنى ساق ئادەم - دۆلەتمەن ئادەم. كىمنىڭ ياخشى نامى قالسا يادىكار، ئەرزىيدۇ دۇنيادىن كەتسە بەختىيار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ھەمىشە بەخت، تەلىيى كېلىپ تۇرىدىغان؛ ئامەتلىك.
تەلەيلىك ئوغلۇم چوپچوڭ يىگىت بولۇپ كېتىپتۇ، خۇش بولدۇم.