Uyghur主要词典
پائالىيەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىشقا كىرىشىش، ئىنتىلىش
ھەرىكەتتە بەرىكەت بار. ھەر تىرىك جان قىلس ھەرىكەت، ھەرىكەتكە قاراپ تاپار بەرىكەت. ئادەمنىڭ پائالىيىتى ئالىيجاناب ئىدىيىنىڭ ئىلھامىغا ئىگە بولالمىسا، پايدىسىز، ئەرزىمەس پائالىيەت بولۇپ قالىدۇ. تەرەددۇت قىلغان تەلىپىگە يېتەر.
پسىخولوگىيە
پسىخولوگىيىدىكى ئاساسىي ئۇقۇملارنىڭ بىرى. پسىخولوگىيىدە پائالىيەت دەپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پىسخىك تەركىبىگە ئىگە تۈرلۈك ھەرىكەت شەكلىگە ئېيتىلىدۇ. ھەرىكەت بولسا، ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى بولۇپ پائالىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، پائالىيەت ئومۇمىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئەمەس، ئۇ ئۆزىگە خاس مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇم پىسخىك تەركب قاتناشقان بولىدۇ. پائالىيەت ماددىنىڭ ئۆزىدىكى قانۇنىيەت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەبىئىي ھەرىكەت شەكلى ئەمەس، پائالىيەت بىر خىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاكىتىپ ھەرىكەت شەكلى. پائالىيەت يەنە تاشقى پائالىيەت بىلەن ئىچكى پائالىيەتكە بۆلۈنىدۇ، تاشقى پائالىيەت كۆرگىلى بولىدىغان تاشقى ھەرىكەت شەكلى بولۇپ، ئۇ، سۇبيېكتنىڭ ئوبيېكت بىلەن باغلىنىش ياسىغان ۋاقتىدا پەيدا بولغان ماددىي پائالىيەتتۇر. ئىچكى پائالىيەت يوشۇرۇن بولۇپ، سۇبيېكتنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت شەكلىدۇر، پسىخولوگىيىدە ئاساسەن تاشقى پائالىيەت تەتقىق قىلىنىدۇ. چۈنكى، پىسخىكا بىلەن پائالىيەتنىڭ مۇناسۋىتى مەسلىسى پسىخولوگىيىدىكى تۈپ نەزەرىيۋى مەسلىلەرنىڭ بىرى. پائالىيەت سۆزى پسىخولوگىيىدە ئىچكى پائالىيەت مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسلەن: پسىخىك جەريانمۇ پسىخىك پائالىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ساھەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش، مەشغۇلات، ھەرىكەت.
تازىلىق پائالىيىتى.