Uyghur→Chinese主要词典
پراگا سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
布拉格和约
bù lā gé hé yuē
پۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامە. 1866-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى پراگادا ئىمزالانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان؛ پرۇسسىيە شىلېزۋىگھولشېتيىن، ھاننوۋېر، ھېسسېن كىنەزلىكى، ئاسساۋ ۋە فرانكفۇرت ئەركىن شەھىرى قاتارلىق سۇيۇرغاللارغا ئىگە بولغان ھەمدە مايىن دەرياسىنىڭ شىمالىدا گېرمانىيە ئىتتىپاقى قۇرۇش ھوققىغىمۇ ئىگە بولغان. ئاۋسترىيە ۋېنىتسىيىنى ئىتالىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. كېيىنكى يىلى پرۇسسىيە باشچىلىقىدىكى شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلغان.