Uyghur主要词典
كائىنات بىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
يەر شارىدىن باشقا پلانېتلاردا ھاياتلىقنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەتقىق قىلدىغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەن. ئەگەر يەر شارىدىكى ھاياتلىق تەبىئىي جەريان ئارقىلىق كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، پەقەت يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بەلگىلىك شەرتلەر ھازىرلانسىلا كائىناتنىڭ ھەر قانداق ئورۇندا ھاياتلىقنى ھاسىل قىلىش مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر خىل جانلىقلارنىڭ كائىناتتا ئۇچۇش جەريانىدىكى تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئەھۋالى، مەسىلە، ئېغىرلىقىنىى يوقىتىش ۋە كائىنات سىزىقى قاتارلىق ئالاھىدە مۇھىت ئامىلىنىڭ جانلىقلارغا بولغان تەسىرىمۇ كائىنات بىئولوگىيىسىنىڭ تەتقىقات تېمىسى.