Uyghur主要词典
باشلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ئىشقا كىرىشمەك.
سۆز باشلىماق.
ئەگەر رازى بولسىڭىز بۈگۈنلا ئوپېراتسىيىنى باشلايمىز.
يول كۆرسىتتىپ، باش بولۇپ، يېتەكلەپ بارماق، ئەگەشتۈرمەك.
ئاشپەز ئوتۇنچىنى ئاشخانىغا باشلاپ كىردى.
تەكلىپ قىلماق.
ۋاي خۇدايىم، ئۆيگە باشلىماي قاراپ تۇرغىنىنى قاراڭلار، قېنى ئۆيگە، ئۆيگە كىرىڭلار.
بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارغا باش بولۇپ يېتەكلىمەك.
بۇ ئىشنى ئەڭ دەسلەپ كىم باشلىغان، بىلەمسىز؟
كۆچمە. باشقۇرماق، تەربىيە بەرمەك.
بالىنى باشلىماق.
ئاتا باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشلىق سالماق، يېڭى باشلىق سېلىپ تىكمەك (ئۆتۈك، مەسە قاتارلىقلار ھەققىدە).
تۇردىئاخۇن ئۇستام ئۆتۈكنى بەك ياخشى باشلايدۇ.