English→Uyghur主要词典
Meroes
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مېروئېلار
مېروئېلار شىمالىي ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنى ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى نۇبىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادى.
مېروئېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ.
مېروئېلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئاباتا شەھىرىنى ئۆزىگە مەركەز قىلغان ھالدا قۇلدارلىق تۈزۈمدكى دۆلەت قۇرۇپ، بىر مەھەل روناق تاپقان ھەمدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 640 - يىلى شىمالىي مىسىرنى ئىستېلا قىلىپ، مىسىرلىقلار ئۈستىدە 80 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ بۇ دەۋر قەدىمكى مىسىر تارىخىدا <25 - خاندانلىق دەۋرى> دەپ ئاتىلىدۇ.
مېروئېلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 530 - يىلى پايتەختىنى نىل دەرياسىنىڭ تۆتىنچى شارقىراتىمىسى ئەتراپىدىن ئالتىنچى شارقىراتمىسىنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈرۈپ، بۇ شەھەرنى مېروۋې شەھىرى دەپ ئاتىغان.
مېروئېلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، سۇغىرىلىدىغان يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە سودا ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان.
مىلادى Ⅲ - Ⅰ ئەسىرلەر مېروئېلارنىڭ راسا گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ، شۇ دەۋىردە ئۇلار ئافرىقا تارىخىدا ئەڭ دەسلەپكى ئېلىپبە ھەرىپىنى كەشىپ قىلىپ ئېلىپبەلىك يېزىققا ئاساس سالغان.
مېروئېلار مىلادى 350 - يىلىغا كەلگەندە، ئېفىئوپىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان ئاقسۇملار تەرىپىدىن يوقىتىلغان، ئۇلار كېيىن بېرىپ نۇبىيىلىكلەر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتىنىك مەنبەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان؛ مېروۋې شەھىرىمۇ ئاقسۇملار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، بۇ شەھەر خارابىسى 1909 - يىلى بايقالغان