Uyghur主要词典
ئۆز
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆز.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كۆرۈكلۈڭ تونئۇغ ئۆزۈڭگە
تاتلىغ ئاشىغ ئازنقا
توتغىل قونۇق ئاغرلىغ
يازسۇن چاۋنىڭ بوزۇنقا
{كۆركەم توننى ئۆزەڭگە (قالدۇر)،
تاتلىق ئاشنى ئۆزگىگە.
مېھماننى ئىززەتلە،
داڭقىڭنى ئەلگە يايىسۇن.}
كۆركەم، چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزەڭ كىي، تاتلىق ئېشىڭنى باشقىلاغا بەر، مېھماننى ئىززەتلە، شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن.
1 - 64
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
جىلغا.
« تاغ ئۆزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
1 - 64
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆز كىشى _ ئۆز كىشى، يېقىنى. بۇ بىزنىڭ ئۆز كىشى ئول _ بۇ بىزنىڭ ئۆز كىشىمىز ئۇ.
1 - 64
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈرەك ۋە قوساققا ئوخشاش ئىچكى ئەزالار. ئۆزۈم ئاغرىدى _ قورسىقىم ئاغرىدى.
1 - 64
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆزەك، تومۇر.
« يىغاچ ئۆزى _ ياغاچ ئۆزىگى» مۇ دېيىلىدۇ. خورما دەرىخىنىڭ بېشىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاق ماددىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
1 - 64
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆز قۇنئۇقى _ بەدەندە (گەۋدىدە) ھەركەت قىلىدىغان نەرسە، روھ، جان. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
باردى كۆزۈم يارئۇقى
ئالدى ئۆزۈم قۇنقى
قاندا ئەرنىچ قاندىقى
ئەمدى ئۇندىن ئوزغئۇرئۇر
{كۆزۇمنىڭ يورۇغى كەتتى،
جېنىمىنى ئالدى.
ئۇ قەيەردە بولغاي،
ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغىتار.}
كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى، ئۇ مېنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ قەيەرلەردىكىن؟ (ئۇنىڭ پىراقىدىن) كۆزۈمگە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.
1 - 65
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، ئىش - ھەرىكەت شۇ قوشۇمچە بىلدۈرگەن شەخس تەرىپىدىن باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى بولمىغان ئەھۋالدا بېجىرىلگەنلىكىنى ياكى بېجىرىلىشىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگۈچە، ئۆزى ئۆلسۇن (ماقال).
بۇ ماقالىنى ئۆزۈم يازدىم.
تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىلغان شەيئى ياكى نەرسىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە (ماقال).
تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىپ، بىر كىم ياكى نەرسىنىڭ تۈرلەنگەن تەۋەلىك قوشۇمچە ئاڭلاتقان شەخسكە قاراشلىق، ئۇنىڭغا خاس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
ئۆز ئۆيۈم. ئۆز ئانىسى. ئۆز ۋەتىنى. ئۆز دوستۇم.
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئىختىيارسىز سادىر بولغانلىقىنى، ئۇنى قىلىستا، بېجىرىشتە، ئورۇنداشتا باشقىلار قاتناشمىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
سادىق ئۆزى يىقىلىپ چۈشتى.
تراكتور ئۆزى مېڭىپ كەتتى.
تېلېۋىزور ئۆزى ئۆچۈپ قالدى.
يېقىن، بىلىدىغان، تونۇشلۇق.
بۇ يەردە يات ئادەم يوق، ھەممىمىز ئۆز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
بىر كىشىنىڭ ۋۇجۇدى ۋە مەنىۋى بارلىقى؛ ئۆز، ئۆزلۈك.