—参考资料
مۇق يولى
رېۋايەتلەر
قاراخانىلارنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە ئوردا ئىچىدە ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىپ ھېسابسىز قىرغىنچىلىق بالاسى يۈز بېرىپتۇ. مەھمۇدنىڭ دادىسى ھۆسەيىن مۇشۇ قىرغىنچىلىقتا قازا تېپىپتۇ. بەختكە يارىشا ئامان قالغان ئالىم بۇ يەردە تۇرسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئانىسى بۈۋى رابىيەنىڭ مەسلىھىتى بىلەن پامىردىكى «مۇرغ» قەلئەسى ئارقىلىق باغدادقا يول ئاپتۇ. بۇيول ئادەتتە كىشىلەر يۈرمەيدىغان، پەقەت قۇشلارلا ئۆتەلەيدىغان خەتەرلىك يول بولغاچقا، ئۇنىڭ نامى «قۇش يولى » ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن كىشىلەر خەلق ئېغىزىدا داستان بولۇپ، ئۇلارغا پالانى مۇق، پۇستانى مۇق( «مۇرخ» پارسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى قۇش دېمەكتۇر)دەپ لەقەم بېرىلىدىكەن. مەھمۇد بۇ يولدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ ئۆتكەلنى «ھەزرىتى مۇق يولى»دەپ ئۇلۇغلاشقا باشلاپتۇ. مەھمۇد كەتكەندىن كېيىن ئانىسى بۈۋى رابىيە ئۇزاق كۈتۈپتۇ. ئۇزاق يىللارغىچە مەھمۇدتىن خەۋەر بولمىغاچقا، بۈۋى رابىيە شۇ «مۇق يولى» غا قاراپ بالىسىنى ئىزدەپ مېڭىپتۇ ۋە يول ئۈستىدە قازا بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەل - يۇرتى «مۇق يولى»غا ئۆتىدىغان چوڭ يول بويىدىكى «كۆۋرۈكبېشى»دېگەن يەرگە بۈۋى رابىيە مازىرىنى تىكلەپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇنى «ئەۋلىيالار مازىرى» قاتارىدا ئۇلۇلاپ كەپتۇ.