Uyghur主要词典
كوتتې
دۇنيا تارىخى
سەيلون (ھازىرقى سېرىلانكا)دىكى سېنكېرولارنىڭ دۆلىتى (1445 - 1597). پاراكراما باخ Ⅵ (جۇڭگو تارىخلىرىدا بۇلاگېما باخۇلاپى دەپ ئاتالغان، 1415 - 1467 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى كوتتې (كولۇمبونىڭ شەرقىي جەنۇبىدا). 1450 - يىلى شىمالدىكى جاۋونا بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتكۈل ئارالنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. پاراكراما باخ Ⅵ ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ دۆلەت يەنە پارچىلىنپ، جاۋونا بەگلىكى يېڭىۋاشتىن مۇستەقىل بولغان، ئوتتۇرا قىسىمدىكى تاغلىق رايوندا كاندى بەگلىكى بارلىققا كەلگەن. 1505 - يىلى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان. 1518 - يىلى كوتتې پادىشاھى پورتۇگالىيە بىلەن سودا شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۇلارنىڭ كولومبودا قەلئە قۇرۇشىغا ۋە سودا سارايلىرىنى ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغان. 1521 - يىلى بۇ بەگلىك ئۈچ قىسىمغا پارچىلىنىپ، ئۆزئارا ئۇرۇشقان. پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇداخىلە قىلىپ، كوتتې پادىشاھىنى كونترول قىلىۋالغان. 1580 - يىلى، كاتولىك دىنىغا كىرگەن پادىشاھ دون يۇئان دارماپالا (1551 - 1597) پورتۇگالىيىلىكلەرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن، دۆلەت زېمىنىنى پورتۇگالىيە پادىشاھىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 1597 - يىلى پورتۇگالىيە كوتتې بەگلىكىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.