Uyghur→Chinese主要词典
خېيدېنستام
دۇنيا تارىخى
海顿斯坦
hǎi dùn sī tǎn
(1859 - 1940) شۋېتسىيە شائىرى، يازغۇچىسى. رەسساملىقنى ئۆگەنگەن. 1876-يىلدىن باشلاپ ئۇزاق ۋاقىت ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدە ۋە ئىتالىيە، فرانسىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرغان، 1887-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1888-يىلى <تاغقا تاۋاپ قىلىش ۋە سەرگەردانلىقتىكى يىللار> دېگەن شەرق تۈسىدىكى ئەسىرىنى نەشر قىلغان، ئىككىنچى يىلى <گۈللىنىش> نى نەشر قىلىپ، ناتۇرالىزمغا ۋە رېئالىزمغا قارشى تۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئىپادىلىگەن. خىيالغا ۋە مىللىي ئۇسلۇبقا ئەھمىيەت بەرگەن. 1895 - 1915 - يىللىرى ئىككى قېتىم شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. شۇنىڭدەك <كارل ⅩⅡ ۋە ئۇنىڭ نۆۋكەرلىرى>، <شۋېتسىيىلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەردارلىرى> قاتارلىقلارنى يازغان. 1916-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.