Uyghur主要词典
قانات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەيرخاھ؛ ياردەملەشكۈچى، يۆلىگۈچى.
دادىلغا بەخت يار. يارىم يار بولسا، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن. يىقىلغانغا يۆلەك بول. يار قېشىمدا ئولتۇرسا، تاغدەك يۆلەك ئەمەسمۇ، ئاغزىدا دېگەن بىلەن، كۆڭلى بۆلەك ئەمەسمۇ. بۇ بوستاندا دوستلار بولمىسا تىرەك، نېسىپ بولماس، مەقسەت گۈلىنى تەرمەك. تايانچ تاپتىم تالادىن، قۇتۇلۇپ قالدىم بالادىن. ئەر قانىتى - ئات.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قانات.
1 - 463
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<زوئول>قۇش ۋە ھاشاراتلارنىڭ ئۇچۇش ئورگىنى.
غازنىڭ قانىتى. كەپتەرنىڭ قانىتى.
قۇش قانىتى بىلەن ئۇچۇپ، قۇيرۇقى بىلەن قونار (ماقال).
ئايروپىلاننىڭ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋادا مۇئەللەق تۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قاناتسىمان يېپىق قىسمى.
چاقپەلەك، شامالدۇرغۇچقا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئايلىنىشقا ياكى شامال چىقىرىشقا ياردەم بېرىدىغان قىسمى.
چاقپەلەكنىڭ قانىتى. شامالدۇرغۇچنىڭ قانىتى.
ئاپتوموبىل، ۋېلسىپىت قاتارلىقلارنىڭ چاقلىرى ئۈستىگە لايدىن ھىمايە قىلىش مەقسىتىدە ئورنىتىلغان قىسمى.
ئىشىك، دېرىزە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىدىغان ھەر بىر بۆلىكى.
ئۇ دېرىزىنىڭ ئىككى قانىتىنى كەڭ ئېچىۋەتتى.
مەلۇم نۇقتا ياكى لىنىيىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان نەرسىلەرنىڭ بىرەر تەرىپى، يېنى: بىنانىڭ سول قانىتى. مەھەللىنىڭ ئوڭ قانىتى.
<ھەرب>قوشۇن ياكى سەپنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپى.
قۇتلۇق مىڭبېشى مىڭ چېرىكنى دەريا كېچىكىدىن ئىككى قانات قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
كۆچمە. بىرەر تەشكىلات، گۇرۇھ قاتارلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىنقىلابىي ياكى ئەڭ ئەكسىلئىنقىلابىي غايىلەرنى ئالغا سۈرگۈچى گۇرۇپپا.
سول قانات يازغۇچىلار.
كۆچمە. ياردەمچى.
ئات ئەر كىشىگە قانات (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇچقۇر، ھەمدەمگە ئېرىشكەن كىشى. قۇشلارنىڭ قانىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئۇچقۇر، ھەمدەمگە ئېرىشكەن كىشى.