Uyghur主要词典
مۇخلىس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىخلاس قىلغۇچى؛ سەمىمىي، سادىق:
خاس ئۆز قولىنغە لۇتف ئېتىپ رەھىم قىلسە يار،
مۇخلىس قەدىمىي قۇل ئاڭا ئابدۇررەھىم ئېرۇر.
ھاپىز خارەزمى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىخلاس قىلغۇچى، بېرىلگەن؛ ۋاپادار دوست، ياخشى كۆرگۈچى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پىر - ئەۋلىيالارغا ئىشەنگەن، قول بەرگەن كىشى.
ئەۋلىيا، پىر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، كامالەتكە يەتكەن ۋە كارامەت كۆرسىتىدىغان كىشى.
تەسۋى تارتقاننىڭ ھەممىسى ئەۋلىيا ئەمەس. مۇخلىس بولمىسا، ئەۋلىيامۇ بولماس ئىدى. پىرىگە قاراپ مۇرىتى، ساقالغا قاراپ بۇرۇتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پەيغەمبەر، پىرلەرگە ئەگەشكۈچى، ئەۋلىيا - ماشايىقلارغا ئىخلاس قىلغۇچى.
<ئۈممەت> پەيغەمبەرگە، <مۇرىت> پىرگە، <مۇخلىس> كىمدۇ بىرىگە ئەگەشكۈچى، ئىخلاس قىلغۇچى.
ئۈممىتى يوق پەيغەمبەر يوق، مۇرىتى يوق پىر. پىرىگە بېقىپ مۇرىتى، ساقالغا بېقىپ بۇرۇتى. مۇخلىس بولماي ئۆتەي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئادەم ياكى بەرسىگە ئىخلاس، ئېتىقاد قىلغۇچى، ئىخلاسمەن، ئەگەشكۈچى.
دىن مۇخلىسى. سادىق مۇخلىس.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىخلاسمەن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، سادىق ياكى سېغىنغۇچى، سەجدە قىلغۇچى.