Uyghur主要词典
تالىق بولماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قانۇن بويىچە خوتۇن - قىز ئەرنىڭ ئەمرىگە ئۆتمەك. مۇنىرە نىجادقا تېگىپتۇ.
ئالماق (خوتۇن ئالماق) ئۆيلەنمەك
قانۇن بويىچە ئەر خوتۇن - قىزنى ئەمرىگە ئۆتكۈزمەك. نىجاد مۇنىرەنى ئاپتۇ.
قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال. ئەگلەك كۆتۈرگۈچىلىكىڭ بولسا، ئەرگە تەگ. ئەگلەككە بېرىپ ئەرگە تېگىپتۇ. ئاتىسىنىڭ پۇلى بىلەن ئۆيلەنگەن خوتۇننىڭ قەدرىگە يەتمەس. يىگىتنى كۆپ تاللىغان ياتلىق بولالماس. تالالىق بول، تالادا قالما. كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى تەس (ياقىسى پىت)، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلى پەس (كۆڭلىكى چىت).