Uyghur主要词典
گامېتا
بىئولوگىيە
جانلىقلارنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىش ۋاقتىدا ھاسىل قىلىدىغان يەككە ھەسسىلىك جىنىسىي ھۈجەيرە (ياكى كۆپىيىش ھۈجەيرىسى). ئۇ ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ: (1) ئوخشاش شەكىللىك گامېتا، يەنى گامېتىنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولىدۇ؛ (2) شەكلى ئوخشاش بولمىغان گامېتا، يەنى گامېتىنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. (3) تۇخۇم ۋە سپېرما، بۇلارنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلار يۇقىرى دەرىجىدە دىففېرېنسىيىلەنگەن ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان گامېتا. ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا، گامېتا گامېتوفىتتىن ياكى گامېتوفتقا باراۋەر كېلىدىغان باسقۇچتىكى ھۈجەيرىدىن ھاسىل بولىدۇ؛ ھايۋانلاردا ئادەتتە گامېتوفىت باسقۇچى بولمايدۇ، يەككە تەنلەرنىڭ كۆپىيىش ئورگىنى (تۇخۇمدان ياكى ئۇرۇقدان) دىكى ھۈجەيرىلەر بىۋاستە سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق تۇخۇم ياكى سپېرمىنى ھاسىل قىلىدۇ. گامېتا بىر خىل ئالاھىدىلەشكەن ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى تەن ھۈجەيرىلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدا پەقەت تاق ھەسسىلىك (n) خوروسومىلار بولىدۇ. گامېتا شەكىللىنىش جەريانىدا ئەجدادنىڭ ئىرسىيەت ماددىسى (DNA) نى ساقلاپ قالىدۇ، شۇڭا ئەجدادنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەۋلادقا ئۆتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
بىئولوگىيە
جانلىقلار جىنسىي كۆپىيىش مەزگىلىدە ھاسىل قىلىدىغان جىنسىي ھۈجەيرە. چىشى ۋە ئەركەك ئىككى خىل گامېتا قوشۇلغاندىن كېيىن، زىگوتا شەكىللىنىدۇ.