Uyghur主要词典
خەير
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ساۋاب، ياخشىلىق
خەير _ ئېھسان.* خەير _ ساخاۋەت.* ھىيلىلىك ئىشتا خەير بەرمەك.* قەلەم تۇتقان خەير سورىماس ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئۈندەش سۆز
خەيرلەشمەك.* خەير خوش.* خەير ئەمىسە.* خەير، سالامەت بولۇڭ.* خەير، يەنە كۆرۈشەرمىز.* خەير، ياخشى چۈش كۆرۈڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
قىستۇرما سۆز.
ئىلاجىسىز ماقۇل بولغانلىقىنى، خوپ كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
سىز ئارىلىشىپ قالدىڭىز، خەير، بەرسەم بېرەي.* خەير، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن.* خەير، ئىلاج قانچە.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشى، ياخشىلىق، ئىنئام:
مىزبانلەرگە مەلالەت يەتكەي،
ىەير بىرلە ئەل ئانى ياد ئەتكەي.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشىلىق، ئەزگۈلۈك؛ ئىنئام - ئېھسان: خەيرخاھ - كىشىگە ياخشىلىق تىلىگۈچى؛ خەيرچى - تىلەمچى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەكەللۇپ سۆز، بىللە تۇرغانلار ئايرىلىشقاندا ئېيتىلىدۇ؛ يەنە كۆرۈشەرمىز.
خۇش كەپسىز، مەرھابا
تەكەللۇپ سۆز، مېھمانغا قارىتا ئېيتىلىدۇ؛ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
خۇش كەپسىز، ئەزىز مېھمان. مەرھابا، مەرھابا، تۆرگە ئۆتسىلە. خەير، يەنە كۆرۈشەرمىز. خۇش ئەمىسە، كەلگەن قەدەملىرىگە رازى بولسىلا. خەير - خوش، پات - پات كېلىپ تۇرسىلا. ياشلىق ئۆتتى <خوش> دېگىنى يوق، قېرىلىق يەتتى، <توختا> دېگىنى يوق. ھاراققا <سالام> دېسەڭ، ئەقىلغا <خەير - خوش> دە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خالىس ياردەم، ياخشىلىق.
« بۇشى » خەنزۇچە:布施
ھىبىلىك ئشتا خەير يوق. خەير _ ئېھسان بار، خالتا يوق. خەيرىيەت ئىشى _ ئۇلۇغ ئىش. بىر سائەتلىك ساخاۋەت مىڭ سائەتلىك ئىبادەتتىن ئەلا. سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوشلاشقاندا، سەپەرگە چىققاندا، ئايرىلىشتا ياخشى تىلەك بىلەن ئېيتلىدۇ.
« ئەلۋىدا » كەتسە كەلمەيدىغان مەنىدە ئېيتىلىدۇ.
« خەير » قىسقا، بىر بوغۇملۇق ھەم ئەپلىك تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ياشلىق ئۆتتى، « خوش » دېگىنى يوق، قېرىلىق يەتتى، « توختا » دېگىنى يوق. ھاراققا « سالام » دېسەڭ، ئەقىلگە « خوش ئەمىسە » دە. خەير بۇرادەرلەر، يەنە كۆرۈشكۈچە ئامان بولۇڭلار! خەير خوش، ئەزىز يۇرت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. بىر كىمگە بېرىلىدىغان ياكى بېرىلگەن سەدىقە، ئېھسان.
خەير قىلماق. خەير بەرمەك.
يۈك. <ياخشى>، <مەيلى>، <خوپ، نېمە بولسا مەيلى> دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ.
خەير، دېگىنىڭىز بولسۇن.
سىز ئارىغا چۈشۈپ قالدىڭىز، خەير، بوپتۇ.
ئىم. خەيرلەشكەندە، <خوش>، <يەنە كۆرۈشەرمىز>، <خۇداغا ئامانەت> قاتارلىق مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
خەير، بىز كەتتۇق.
خەير، ياخشى چۈش كۆرسىلەر.