Uyghur主要词典
بەت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆردەك شەكىللىك جام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب، ژورنال، خەت - ئالاقىلەرنىڭ ھەربىر يۈزى.
«غەرەك» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
تەبىئەتنىڭ ھەربىر بېتى چوڭقۇر مەزمۇن بىلەن تولغان كىتابتۇر. كىتابنىڭ بىر بېتىنى ئوبدان ھەزىم قىلىش پۈتۈن كىتابنى ئالدىراپ ئوقۇپ چىقاندىن ئەلا. ئادەم ھايات تارىخىنى يېزىشتا ئەھمىيەتلىك سەھىپىلەرنى كۆپەيتىشى كېرەك. ئون ۋاراقنى ئوقۇغاندىن بىر ۋاراقنى چۈشەنگەن ئەلا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
نەشرىياتچىلىق بىلىملىرى
بەت خۇددى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايدۇ. گېزىت ئوقۇرمەننىڭ قولىغا تەگكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزى ھەممىدىن ئاۋۋال بەتكە چۈشىدۇ. گېزىت بەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇرمەنلەرگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سۈرەتمۇ، تېكىستمۇ بولغان، سۈرەتلەر يېزىقلىق خەۋەرلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان بەت ياخشى بەت ھېسابلىنىدۇ، بەتلەردە مەلۇم ساندا سۈرەت بولسا، ئوقۇرمەنلەر يېزىقنىمۇ، شەكىلنىمۇ كۆرەلەيدۇ. بەت ئورۇنلاشتۇرغاندا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، يەنى بەتنىڭ قاق ئوتتۇرىسىنى مەركەز قىلىپ، ئۈستى، ئاستى، سول، ئوڭ تەرەپلىرىنىڭ ماس بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، چوڭ - كىچىك ھەرپلەرنى، بېزەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش، توغرا، تىك ماۋزۇلارنى جايىدا ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پۈتۈن بەت يەنە ماس، كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدىغان بولۇشى كېرەك، ئۈستى زىچ، ئاستى شالاڭ ياكى چوڭ بولۇپ قالسا بولمايدۇ. بەت ئىستونلىرى ھەم خىلمۇخىل، ھەم پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم بېشىنىڭ ئالدى تەرىپى؛ يۈزى.
كىتاب، گېزىت - ژۇرنال ۋاراقلىرىنىڭ ھەر بىر يۈزى، سەھىپىسى.
نىم شېھىت گېزىتىنىڭ ئاخىرقى بېتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا پەردە ئېچىلىدۇ.
بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستى، ئوڭ تەرىپى، سىرتى، يۈزى.
تۇرۇپ قاپتۇ ئىككىسى، بىر پەس سۇغا قارىشىپ، جىلۋە قىلىپتۇ شولىسى. سۇ بېتىگە يارىشىپ.