—参考资料
ھالاكەت
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا، قاغا قېقىمچى ئىكەن، قۇشقاچ چېقىمچى ئىكەن؛ قىرغاۋۇل قىزىل ئىكەن، قۇيرۇقى ئۇزۇن ئىكەن؛ يولۋاس سوراقچى ئىكەن، بۆرە قاراقچى ئىكەن، تۈلكە يالاقچى ئىكەن، سېغىزخان ماراقچى ئىكەن؛ تېرىق تۇلۇمدا ئىكەن، يېتىم بۇلۇڭدا ئىكەن.
ئەنە شۇنداق زاماندا، زۇلمەت باسقان جاھاندا، شەھەرنىڭ تېشىدا، تاغنىڭ قېشىدا، سۇنىڭ بېشىدا ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان، ناھايىتى ئىشچان، ئەمگەكتە پىشقان، ھەرىكەتتە چاققان، بەرىكەتنى تاپقان ۋاسىلاخۇن دېگەن بىر كىشى ئۆتكەنىكەن. ئۇ بالا - چاقىسىمۇ يوق، يالاڭ قات يىپتەك يالغۇز ئىكەن.
ۋاسىلاخۇن ئاتىسىدىن قالغان بىر - ئىككى چارەكلىك يېرىگە تايىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن ھال - كۈنىنى قەدىر - ئەھۋال ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇ ئۆزى ئەقىللىق، سۆزى يېقىملىق بولغاچقا، يۇرت ئارىسىدا ئالاھىدە ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ تاڭ سەھەردىن باشلاپ، كەچكىچە ئېتىزدا ئىشلەپ، زاغرىسىنى چىشلەپ، يېرىنى تۈزلەپ، ھېرىپ - ئېچىپ ئاران قايتىپ كېلىپ، ئۆيىدىمۇ ئارام ئالاي دېمەي، بېغىدىكى مېۋىلىرىنىڭ ئاستىنى ئوتاپ، ياۋا شاخلىرىنى پۇتاپ، ئېرىقلىرىنى چېپىپ، ئوغۇتلىرىنى چېچىپ، سۈيىنى ۋاقتىدا ئېچىپ پەرۋىش قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بېغىدىكى مېۋىلەر بۇلۇق، شاخلىرىدا تولۇق، پىشقاندا شېرىن ۋە سۇلۇق بولىدىكەن. مۇنداق ھوسۇللۇق، باراقسان گۈزەل باغنى كۆرگەن شەھەر خەلقى ھەر يەردە ماختاپ، سورۇنلاردا داڭلاپ، ۋاسىلاخۇننىڭ ئىشچانلىقىنى، مېۋىسىنىڭ لەززەتلىك پىشقانلىقىنى بىر - بىرىگە تەرىپلەپ بېرىشىدىكەن. بىراق شەھەرنىڭ سەللىلىرى قازاندەك، قورساقلىرى باداڭدەك، گەپ - سۆزلىرى چاياندەك، بۇرۇتلىرى بېدىدەك، ساقاللىرى سېدىدەك بايلىرى ۋاسىلاخۇننىڭ بېغى ھەققىدە گەپلىشىپ، ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىتىپ ماختىشىپ، زەھەرخەندىلىك بىلەن كاپشىشىپ، ئۇنى قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپ يۈرىشىدىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ۋاسىلاخۇننىڭ بېغىغا ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان كۆز قىرىنى سېلىپ، تامىقىنى قىرىپ، چاڭقىغاندەك چاكىلداپ، چۆل پاقىسىدەك ماكىلداپ يۈرگەن ئوسمان جاللات دېگەن ئەمەلدار ئۆزىنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنى باشلاپ، چوڭ قەدەمنى تاشلاپ، ۋاسىلاخۇننىڭ ئىشىكىگە كېلىپ:
- ۋاسىل! دەپ چاقىرغانىكەن، ۋاسىلاخۇن باينىڭ ئالدىغا چىقىپ:
- خىزمەتلىرىدە بولاي، باي ئاكا! - دەپتۇ.
ئوسمان جاللات ۋاسىلاخۇنغا دىۋەيلەپ، ئۆزىچە كۆرەڭلەپ قامچىسىنى تەڭلەپ:
- ماڭا سېنىڭ خىزمەت - پىزمەتلىرىڭنىڭ كېرىكى يوق، كۆكسى - قارنىم توق؛ ھاڭۋاقتىدەك قارىماي، قۇرۇق گەپنى قىلىپ ۋايسىماي، ئاتامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ماڭا قالدۇرغان باغنى قايتۇرغىن! - دەپ ۋارقىراپ، ئۆكتەملىك قىلىشقا باشلاپتۇ.
ئۇشتۇمتۇت كېلىپ، ئەندىشىلىك سېلىپ، مۇتىھەملىك قىلىپ جۆيلۈۋاتقان بۇ جاللاتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ۋاسىلاخۇننىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ، بېشى گاڭگىراپ، ئۆزى ئالدىراپ قاپتۇ - دە:
- جانابلىرى قايسى باغنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىلىكىن، بىلەلمىدىم. سۆزلىرىنىڭ تەكتىگە ھېچ يېتەلمىدىم، مەقسەتلىرىنى ئۇقالمىدىم، - دەپتۇ.
چەكچىيىپ قاراپ، ئوغرىنىڭ ماراپ تۇرغان باي:
- ھوي... ھارامزادە تۈلكە، ھىيلىگەر خۇمسى. سەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، >مېنىڭ< دەپ كېلىۋاتقان، خالىغىنىڭنى تېرىۋاتقان، ھوسۇلىنى ئېلىۋاتقان، مەيلىڭچە سېتىۋالغان، خۇش... مېۋىلىرىنى ئېغىتىپ، تاغار - تاغار قۇرۇتۇپ، خۇش مەززىلىك پۇرۇتۇپ يەۋاتقان، جېنىڭغا جان، تېنىڭگە دەرمان قوشۇۋاتقان باغنىڭ كىمگە قاراشلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئۆزۈڭنى بىلمەسكە سالما، ئاخىرىدا پۇشمايغا قالما، شەرىئەتكە بارغاندا ھەقىقەتتىن تانما! - دەپ كاركىراپتۇ.
ئوسمان جاللاتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ۋاسىلاخۇننىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ، ئەقلى - ھوشى قېچىپتۇ، رەڭگىروھى ئۆچۈپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، باينىڭ ئالدىغا بىر قەدەم ئۆتۈۋېلىپ:
- ھاجىم، بۇ يېزىدا ياۋاش دېگەن نامىم بار، ئۆزۈمگە لايىق دەردىم بار؛ دەردلىرىمنى ئاشۇرمىسلا، ياقا يۇرتقا قاچۇرمىسلا، يوق گەپلەرنى قىلىۋېرىپ بېشىمىنى قاتۇرمىسىلا؛ سىلىنىڭ باغلىرىغا بېقىنىپ جان باقىدىغان ئابدال ئەمەسمەن؛ ئۇقتۇرۇپ دىسىلە مەقسەتلىرىنى، قىلىمەن سىلىنىڭ ئىززەتلىرىنى، كۆتۈرەلمەيمەن تۆھمەتلىرىنى؛ مەنمۇ بىر ئادەممەن، كىچىككە كىچىكمەن، چوڭىغا چوڭ، تەتۈرىگە تەتۈرمەن، ئوڭغا ئوڭ؛ ئىززىتىمنى قىلىدۇ شۇڭا كىچىك - چوڭ؛ ياۋاشنى ئۇرۇپ سوقمايمەن، ياماندىن قورقمايمەن، باشقا ئىشنى ئۇقمايمەن، - دەپتۇ.
ۋاسىلاخۇنغا تۆشۈكتەك قاراپ، مۆشۈكتەك ماراپ تۇرغان ئوسمان جاللاتنىڭ ئەمەت دېگەن غالچىسى بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ:
- ھەي مۇتتەھەم، قارا يۈز ئۆكتەم! نېمىشقا ھۆرمەت قىلمايسەن ھاجىم داداڭنى؟ ھېلى تارتىسەن جاجاڭنى؛ ئانا سۈتۈڭنى بۇرنىڭدىن تامغۇزىمەن، بېشىڭغا ئەجەل قۇشى قوندۇرىمەن. ئابرويىڭنى سۇندۇرىمەن! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- ھېچ كىشىنىڭ مەندە سۇنۇق پۇلى يوق، ئىشىكىمگە دىۋەيلەپ كېلىدىغان يولى يوق، بۇنداق يولسىز ھاقارەت، بىر - بىرىڭگە ئىشارەت، ئۇرۇش - جېدەلدىن بىشارەت قىلماي، گەپلىرىڭنى ئوچۇق سۆزلە، ئەگەر كۆرسەتسەڭ كارامىتىڭنى، ئۆز بېشىمغا ئالاي مالامىتىڭنى! - دەپتۇ ۋاسىلاخۇن.
ۋاسىلاخۇننىڭ بۇنداق مەردانە جاۋابىنى ئاڭلىغان ھېلىقى يالاقچى ئاغزىنى ئېچىپ، زەھىرىنى چېچىپ:
- ھوي، مۆرىمەس ئىپلاس، بۇ گەپلىرىڭ كىمگە خاس؟ ھېلى بىر سىقسام گېلىڭدىن، ئايرىلىسەن جېنىڭدىن. تاراقشىتماي دېپىڭنى، يىغىشتۇرغىن گېپىڭنى؛ سىم قامچامنىڭ ئاستىدا، تاپالمايسەن ئېپىڭنى! - دەپتۇ - دە، ۋاسىلاخۇنغا بىر قامچا ساپتۇ. ۋاسىلاخۇن چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى بىر چەتكە ئاپتۇ. ئەمەت غالچا ئاتتىن ئاغدۇرۇلۇپ چۈشۈپ، بىر تېرەككە ئۈسۈپتۇ، باش - كۆزلىرى ئىششىپتۇ. ئەتراپقا توپلانغان كىشىلەر بۇ ھالنى كۆرۈپ، تېلىققىچە كۈلۈپتۇ.
خەلق ئالدىدا يۈزى تۆكۈلگەن ئەمەت غالچىنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپتۇ، ۋاسىلاخۇنغا سالجىدەك چاپلىشىپتۇ. ئۇ چاپىنىنى سېلىپ، توقامنى قارنىغا ئاپتۇ.
ۋاسىلاخۇننىڭ ئوغىسى قايناپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ چايناپ، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ، ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىۋاتقان غالچىنى بىر مۇشت بىلەن تىك چۈشۈرۈپتۇ...
ئوسمان جاللاتنىڭ ئادەملىرى ئەسكى تامغا جىن ئولاشقاندەك يوپۇرۇلۇپ كەپتۇ، ۋاسىلاخۇننى ئارىغا ئاپتۇ. توپلانغان كىشىلەرمۇ قاراپ تۇرماپتۇ. ئىككى تەرەپ بولۇپ >ئۇر - چاپ!< باشلىنىپتۇ، بىر - بىرىگە تاشلىنىپتۇ. ئاخىرى خەلق غالىب كېلىپ، ئوسمان جاللات قېچىپتۇ، شەرىئەتكە بېرىپ، قازىغا دەردىنى ئېيتىپتۇ.
>زامانى زورنىڭ...< ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاسىلاخۇن ئوسمان جاللاتنىڭ ئارام بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، سۆيۈملۈك يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خىلۋەت بىر تاغنىڭ ئىچىگە قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇزۇن يىللار ئەجرى قىلىپ يېتىشتۈرگەن باغ جاللاتقا قاپتۇ.
ۋاسىلاخۇن بىر مەزگىل تاغدىكى ياۋا مېۋە - چېۋە ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەپ جان بېقىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بىر جىرانىڭ ئىچىدە، ئېقىن سۇنىڭ لىۋىدە تۈپتۈز، كەڭرى بىر پارچە يەرنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدا كۈلۈپ: >بۇ يەرنى ئېچىپ، راسا ئىشلەپ تېرىپ، ھوسۇل ئالسام بولغۇدەك< دەپ ئويلاپ، ئىشقا كىرىشىپتۇ، تەر ئاققۇزۇپ تىرىشىپتۇ. ئاخىرى يىگىرمە چارەك ئۇرۇق يەتكۈدەك يەرنى ئېچىپ، قوي قىغىنى چېچىپ، ئېرىق ئېلىپ، قىرنى سېلىپ، ئوسا قىلىپ چاناپتۇ، ئۇرۇق سېلىپ تېرىپتۇ...
ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، ۋاسىلاخۇن ئاچقان بۇ يەرنىڭ ئەتراپى مېۋىلىك تاغ، ئوتتۇرىسى ھوسۇللۇق باغ بولۇپ، كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئاجايىپ گۈزەل باراقسانلىققا ئايلىنىپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەن ئوسمان جاللات بۇ مۇنبەت يەرنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، كۆزى قىزىرىپتۇ، ھەسەتخورلۇقى كېلىپ قىزىشىپتۇ. ئۇ بۇ يەرنى تارتىۋالماقچى بولۇپ، ۋاسىلاخۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋارقىراپتۇ:
- ھەي، نەدىن كەلگەن سولتەكسەن؟ بۇ يەرنى تېرىشقا ساڭا كىم ئىجازەت بەردى؟!
ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئوسمان جاللات ۋاسىلاخۇننى تونىماپتۇ.
- تەقسىر، بۇ يەرنى مەن ھالال تەر ئاققۇزۇپ، ئەمگەك قىلىپ ئاچقان، - دەپتۇ ۋاسىلاخۇن.
- تولا كاپشىماي يوقال بۇ يەردىن، مۇنچىۋالا جەننەت بولامتى بىر كىشى تۆككەن تەردىن!؟ ھالال ئەمگەك دېگەن نېمە ئۇ؟ بۇ يەر ئەسلى مېنىڭغۇ؟! - دەپتۇ ئوسمان جاللات ھۈرپىيىپ.
ۋاسىلاخۇن ئەجەبلىنىپ، يالۋۇرۇپ ۋە غەزەبلىنىپ ھېچ نەتىجە چىقىرالماپتۇ. ئاچكۆز جاللات بىشەملىك بىلەن >مېنىڭ يېرىم< دەۋېرىپتۇ. دەرغەزەپ بولغان ۋاسىلاخۇن بۇ جاللات بىلەن يول بويى تەگىشىپ قازىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. تاماخور قازى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە كۈلۈپ:
- بۈگۈن مېنىڭ ۋاقتىم يوق، ئۆگۈنلۈككە كېلىڭلار، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىككىڭلار كۈتۈڭلار! - دەپتۇ.
ۋاسىلاخۇن: >ئوسمان باي بۇ يەرنى مېنىڭ دەپ ئېغىز ئاچالمايدۇ، قازىمۇ ئۇنىڭغا يان باسالمايدۇ< دەپ ئويلاپ ئىككى كۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئىشلىرىنى پۈتكۈزۈپ كەلمەكچى بولۇپ كېتىپتۇ، لېكىن ھىيلىگەر جاللات شۇ ئاخشىمى قازىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، نۇرغۇن سوۋغا - سالام بېرىپ، قازىنىڭ ئاغزىنى مايلاپتۇ، گەپ بىلەن ئىشنى جايلاپتۇ. ئۇ قازىغا:
- جانابى قازى ئاخۇنۇم، سىلىنىڭ بولسۇن باردى - يوقۇم؛ بىر ئامال قىلىپ، ئاشۇ يەرنى ئېلىپ ماڭا بەرسىلە، داغدا قالسۇن ئۇ تومپاي گاداي، سىلىنى رازى قىلغىنىمنى ئاندىن كۆرسىلە، - دەپتۇ.
- خاتىرجەم بولسىلا، بۇنچىلىك ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىسەم، بىر يالغاننى راست قىلىپ سەپلەشتۈرۈلمىسەم، شەرىئەتنى قانداق باشقۇرىمەن؟! - دەپتۇ قازى.
باي كەتكەندىن كېيىن، قازى ئويلىنىپ، ئاخىرى ناھايىتى شەرمەندە بىر ھىيلىنى تېپىپ، ئۆپكىسىنى بېسىپ، خۇشاللىقىدا كۈلۈپ، گېلىنى قىرىپ يۆتىلىپ، دەرھال ئۆزىنىڭ ئون ياشلاردىكى قىزىنى چاقىرىپ، دەپتۇ:
- قىزىم، مەن ئەتە جىرانىڭ ئىچىدىكى ئېتىزلىققا بېرىپ، بىر ئۆتكۈر قېزىپ، ئۆگۈنلۈككە سېنى شۇ ئورىغا سېلىپ، ئۈستىنى شاخ - شۇمبا بىلەن يېپىپ، نېپىز توپا بىلەن كۆمۈپ قويىمەن. سەن بىر دەم چىداپ جىم ياتقىن، قۇلىقىڭنى يول تەرەپكە باققىن. مەن ئىككى دەۋاگەرنى باشلاپ بېرىپ، سەن كۆمۈلگەن يەرگە كېلىپ، >بۇ يەر كىمنىڭ< دەپ ۋارقىرايمەن. ئۈچىنچى قېتىم ۋارقىرغىنىمدا، ئاڭلىتالماي چاقىرغىنىمدا، سەن >باينىڭ< دەپ جاۋاب بەرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتىدۇ، ئۇلار كېتىدۇ، مەن سېنى ئورىدىن چىقىرىۋالىمەن، ئاڭلىدىڭمۇ قىزىم، يالغۇز ئەزىزىم!
شۇنداق قىلىپ، قازى مۇشۇ پىلان بويىچە ئىشنى ئەپلەپ، قىزىنى ئورىغا كەپلەپ، تەييارلىق قىپتۇ. كېيىن دەۋاگەرلەر يېتىپ كەپتۇ. قازى مۇنداق دەپتۇ:
- ھەر ئىككىڭلارنىڭ سۆزى ئورۇنلۇق، غەيرىي گەپكە ئورۇن يوق، شۇڭا بۇ دەۋانى سوراش ناھايىتى قىيىن، پۇختا ئىشلەنمىسە ناھەقچىلىق چىقىدۇ كېيىن. مېنىڭچە، ھەممىمىز ئېتىز ئۈستىگە بارايلى، شۇ يەرگە بېرىپ بىر گەپ قىلايلى: >مەن بۇ يەر كىمنىڭ؟< دەپ ۋارقىراي، يەر ئىگىسىنى چاقىراي، خۇدانىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، بىزنى قايتۇرمايدۇ قۇرۇق، يەردىن جەزمەن جاۋاب كېلىدۇ، يەر ئىگىسىنى بىلىدۇ. جاۋابتا كىمنىڭ ئىسمى ئاتالسا، يەر شۇنىڭ دەپ قارالسا!
- بولىدۇ، قازى، بۇ گەپلەرگە مەن رازى، - دەپتۇ ئوسمان جاللات. ۋاسىلاخۇن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، گەپ - سۆزىنى دېيەلمەي، بىر پەس ئويلىنىپ قاپتۇ، ئەتراپىغا نەزەر ساپتۇ ۋە: >يەردىن قانداقمۇ جاۋاب كېلەر؟ كەلگەندىمۇ، ھەقىقەتنى بىلەرمۇ؟< دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ.
ئۇلار ئېتىز بېشىغا كەپتۇ. قازى ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ، بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ:
- ئەي قۇدرىتى ئۇلۇغ، كىرىمى كەڭ، ھەممىگە تەڭ خۇدا، ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگەيسەن، مۇشۇ ئېتىز زادى كىمنىڭ، ئېنىق بىر گەپ دېگەيسەن! - دەپ ۋارقىراپتۇ، قانداق جاۋاب كېلەركىن، دەپ باينىڭ كۆزى پارقىراپتۇ، يەردىن جاۋاب بولماپتۇ.
قازى ئېتىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ، ئۈنلۈك قىلىپ، ئۈچىنچى نۆۋەت ۋارقىرىغاندا، يەر ئاستىدىن >باينىڭ< دېگەن ئىنچىكە ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، بۇ جاۋاب بايغا ياراپتۇ، شۇڭا ۋاسىلاخۇنغا قاراپتۇ. ۋاسىلاخۇن ھەيران بولۇپ، يۈرىكى غەزەپكە تولۇپ، قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. قازى:
- ئىشەنمىسەڭلار، يەنە بىر قېتىم سوراپ باقاي. چېكەڭلەرگە ئادالەتنىڭ گۈلىنى تاقاي، - دەپتۇ - دە، يەنە ۋارقىراپتۇ. بۇ نۆۋەت يەنە >باينىڭ!< دېگەن ئاۋاز كۈچلۈك ئاڭلىنىپتۇ.
ۋاسىلاخۇن:
- بۇنداق رەزىل ھىيلىگە ئىشەنمەيمەن، قۇدرەت ئىلاھىنى چۈشەنمەيمەن... مەقسىتىڭلار مۇشۇ يەرنى مەندىن تارتىۋېلىش، مېنى سەرسانلىق كوچىسىغا سېلىش! - دەپتۇ غەزەپ بىلەن.
ئوسمان جاللات قازىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ، ھەيانىنى ئالتۇنغا لىق تولدۇرۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا ھاۋاغا قارا بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ، كۈچلۈك بوران چىقىپتۇ، قازى بىلەن ئوسمان جاللاتنىڭ بىرلىشىپ، ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ ۋاسىلاخۇننى ئانى تاپقانلىقىغا تاغۇ تاشلارنىڭمۇ غەزىپى كېلىپ، دەھشەتلىك گۈلدۈرلەپتۇ، چاقماق چېقىپ يەر جاھان لەرزىگە كەپتۇ، قەھرلىك بوران باي بىلەن قازىنى ئۇچۇرۇپ، تاغۇ داۋانلاردىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ كېتىپتۇ. قازىنىڭ قىزى يەر ئاستىدىن چىقالماي، باشقا ياققا قاچالماي، ئاستا - ئاستا سۇغۇرغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
ھازىرقى سۇغۇرلار ئەسلىدە قازىنىڭ قىزى ئىمىش، ئۇنىڭ ھېلىمۇ ئۇۋىسىدىن چىقىپ، ئەتراپقا بېقىپ: >قى - قاق! قى - قاق!< قىلىپ چىقىرىغىنى >باينىڭ، باينىڭ!< دېگىنى ئىمىش.