Uyghur主要词典
خار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
لىم، لىم ياغاچ.
ئەگرى ياغاچ خار بولماس ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قەدىر _ قىممىتى يوق. كەمسىتىلگەن، ئىزا _ ئاھانەت، خور.
خار قىلماق، خارلىماق، خار بولماق.* خار _ زار.
ئاچكۆز ئەھلىگە رەھىم قىلما زىنھار،
ئاچكۆز، تويمىغۇر ئادەم دائىم خار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
ئادەم خورەك تارتىپ ئۇخلىغاندا، ئېغىز بوشلۇقىدىن، مالنى بوغۇزلىغاندا ئۇنىڭ كېكىرتىكىدىن چىققان ئاۋاز.
ياسىن ياتقان ھامان « خار » قىلىپ خورەك تارتىشقا باشلىدى.* قوي بوغۇزلىنىشىغىلا گېلىدىن « خار » قىلغان ئاۋاز چىقتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تىكەن؛ ئۇچ: خارى ئەزاب - ئازابلىغۇچى تىكەن. كۆچمە مەنىسى: قىيناق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قىممەت باھالىق بىر خىل يىپەك توقۇلما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېتىبارسىز تاشلىنىپ قالغان.
ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس. كىمنىڭ ئارزولۇقى كىمگە خار بولمىغان. خور بولغىچە، ئۆر بول. پۇلى بارلار ئۇ دۇنيادىمۇ ھەقىر بولماس. زەبۇنلۇق زار قاقشىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆي ئۆگزىسىگە سېلىنغان جەگىلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى ئۇچى تامنىڭ بېشىغا قۇيۇلىدىغان چوڭ لىم ياغاچ.
ھويلاڭدىكى تاغ تېرەك، خار بولامدۇ، بولمامدۇ. باغرى قاتتىق تاش يۈرەك، يار بولامدۇ، بولامدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئېتىبارغا، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمەس، ئېتىبارى يوق، ئېتىبارسىز،ئەزىز ئەمەس؛ كەمسىتىلگەن.
سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا سۇندۇرغان ئەزىز (ماقال).
قىمىتتى يوق، قەدىرسىز.
ئاق ئالماڭنى تەرمەيمەن، ئېتىكىمنى لاي قىلىپ. سەن يارىمنى سۆيمەيمەن، مەن ئۆزۈمنى خار قىلىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
گال بوغۇلغاندا ياكى ئادەم خورەك تارتىپ ئۇخلىغاندا، ئېغىز بوشلۇقىدىن ئۈزۈك ھالەتتە چىقىدىغان ئاۋاز.
ئۇ ياتقان ھامان <خار> قىلىپ خورەك تارتىشقا باشلىدى.
ئات، كالا ۋە قوي قاتارلىق ماللارنى بوغۇزلىغاندا، كېكىردىكىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.
قوي بوغۇزلىنىشىغىلا گېلىدىن <خار> قىلغان ئاۋاز چىقتى.