Uyghur→Chinese主要词典
لېۋىن
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卢因〈澳〉
lú yīn 〈ào 〉
پسىخولوگىيە
勒温
lè wēn
بۇ گېرمانىيلىك پىسخولوگ. توپولوگىيە پىسخولوگىيىسىنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ دەسلەپ ماگىنىت مەيدانى ئۇقۇمىنى پىسخولوگىيىگە كىرگۈزگەن. توپولوگىيە پىسىخولوگىيىسى توپولوگىيە نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلىپ ئىجاد قىلىنغان بىر خىل تەلىمات. ئۇنىڭچە ئىنسانلاردا بىر خىل تەبىئىي مايىللىق بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ھەرىكەت بىرلىكى ( گېشتالت ) ئورۇنلىنىدۇ. مەسلەن، ئادەم بىر تېپىشماققا جاۋاب بېرىدۇ. بىر دەرىسنى ئۆگىنىدۇ، مانا بۇ پىسخىكىنىڭ كېرىلىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. بالىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېرمىنتال تەجرىبە ئۇنى ئوڭۇشسىزلىق پىسخىكىنىڭ كېرىلىش كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئەگەر ئوقۇغۇچىلار دەرىستە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىسا، لېكىن پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالمىغان بولسا، يەنى ئۆگىنىشنىڭ كېرىلىش كۈچى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالمىغان بولسا، ئۇلار ئوڭيراق ئۈگىنەلەيدۇ، دېگەن. ئۇنىڭ « كىشىنىڭ ئىندىۋىدۇئال دىنامىدىكىسى نەزەرىيىس »، « توپولوگىيە پىسخولوگىيە پرىنسپلىرى » قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.